قونجىراپ پورتى يىلان يىلىدا تۇنجى قېتىم تاموژنىدىن ئۆتكۈزدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
2- ئاينىڭ 3- كۈنى، پامىر ئېگىزلىكى كۈمۈش لىباسقا ئورالغانىدى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان قونجىراپ پورتى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىدا تاموژنا تاقىلىپ ئالتە كۈندىن كېيىن، ئالدىراش ھالىتىگە قايتىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچى ۋە مالنى كۈتۈۋالدى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار لىق قاچىلانغان ئاپتوموبىللار رەتكە تىزىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى تەرتىپلىك بېجىرىۋاتاتتى.
«باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ ياخشى ئارام ئېلىۋالدىم. بۈگۈن تاموژنىدىن ئۆتكۈزىمىز، يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدۇق، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن بېسىلىپ قالغان بىر تۈركۈم ماللارنى دەرھال توشۇشۇم كېرەك.» چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئەخمەتجان سەمەت قەشقەر شەھىرىدىن كېلىپ، قونجىراپ پورتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.
جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قونجىراپ پورتى جۇڭگو- پاكىستان ئىككى دۆلەتكە بېرىپ- كېلىپ چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىدىغان، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان، سودا ئالاقىسى قىلىدىغان خادىملار ۋە ئاپتوموبىللارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، 2024- يىلى چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلار ھەم ئاپتوموبىللاردا بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
يولۇچى چېن پېڭيۈەن پاكىستانغا ساياھەتكە بارماقچى ئىدى، «مەن بۈگۈن بىرىنچى بولۇپ چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان يولۇچى، جەريان ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى».
پورتتا تاموژنىدىن راۋان ئۆتكۈزۈشكە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى سانلىق مەلۇماتلارنى ئالدىن تەھلىل قىلىپ، باھار بايرىمىدا تاموژنا تاقىلىشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يۇقىرى پەللىسىنى دەل جايىدا مۆلچەرلەپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچى كۈچىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، رەسمىيەت بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلارنى يېقىشلىق، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىدىكى خەلق ساقچىسى جاڭ جىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز يولۇچىلار مىقدارى توغرىسىدىكى ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسەن، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، تەجرىبىسى مول خەلق ساقچىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، يولۇچىلار كەلگەن ھامان تەكشۈرۈشكە، تاموژنىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
قونجىراپ پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى قونجىراپ پورتىغا 126 كىلومېتىر كېلىدۇ، قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل بىلەن ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى ئالدىراش مەنزىرىگە تولغانىدى، قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدىكى خەلق ساقچىلىرى دۆلەت دەرۋازىسىغا يېتىپ كېلىپ، سوغۇق شامالغا قارىماي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتاتتى.
خەلق ساقچىسى لى شىپىڭ چۇڭچىڭدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئۇ يەنە بىر قېتىم پامىر ئېگىزلىكىدە قېلىپ نۆۋەتچىلىك قىلىش جەريانىدا باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. لى شىپىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاخشام بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ جەم بولۇش ئۈچۈن ماڭغان كىشىلەر ئولتۇرغان بىر خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ئەتىگەندە چېگرادىن چىقىپ كەچتە دۆلەت دەرۋازىسىغا قايتىپ كەلدى، ئەسلىدە ئىشتىن چۈشۈپ بولغان خەلق ساقچىلىرى ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈچ كىلومېتىر يول يۈرۈپ دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ، بۇ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنى ئۆتكۈزۈپ قويدى.
«تاموژنا تاقىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيگە قايتقان شوپۇر، تاموژنا ئېچىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ چېگرادىن چىققان يولۇچىنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن چاغدىكى تەبەسسۇمىنى كۆرگەندە، قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلىدۇق» دېدى لى شىپىڭ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)