شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باھار بايرىمىدا ئىشنى توختاتماي، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى
11:21:20 2025-02-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

 باھار بايرىمىدا ئىشنى توختاتماي، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

 ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئىشلەپچىقىرىش توختىمىدى.

 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتى» دېيىلدى) مەركىزىي توپلاشتۇرۇپ تىزگىنلەش ئىشخانىسىنىڭ ئىچىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى ئېنىق ھەم يېقىشلىق ئىدى، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدىن پاراڭلاشقان ئاۋاز ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، 1000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2500 مودىن ئاشىدىغان زاۋۇت رايونىدىكى ئالدىراشچىلىق ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن قېلىشمايتتى.

 ئۈرۈمچى - سانجى رايونىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانچىكى ھەممە ئائىلە جەم بولغان كۈندە، قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا شۇنچە بولمايدۇ.

 «بۇ يىل باھار بايرىمىدا، شىركەتتىكى %90تىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە شىركىتىمىز خەلق تۇرمۇشى ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر كۈنى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە پۇقرالار ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گازدىن 15 مىڭ كۇب مېتىر يەتكۈزۈپ بەردى، بۇ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تۇرمۇشتا تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ؛ ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىلغان باكقا قاچىلىنىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەخمىنەن 550 توننا بولۇپ، ئۈرۈمچى - سانجى رايونىدىكى تەخمىنەن 2000 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يېقىلغۇ تەمىناتىنى قاندۇرالايدۇ.

 شۇ كۈنى سائەت 8دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوموبىلدا، 25 ياشلىق ئىسسىقلىق - ئېلېكتىر باش تىزگىنلەش خادىمى جى يىڭيىڭ يۇرتى گەنسۇدىكى ئاتا - ئانىسىغا بەخت تىلەش ئۇچۇرى يوللاۋاتاتتى، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كىيىن، جى يىڭيىڭ ئۇدا ئۈچ يىل باھار بايرىمىدا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى.

 «چۈشۈمدىمۇ ئۆيگە قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى، ئائىلىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى ئويلايمەن.» ئەمما باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، دېدى جى يىڭيىڭ. شىركەت يەنە خىزمەتچىلەرگە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش سوۋغىتى ۋە ھەقسىز تاماق يەتكۈزۈپ بەردى، ئۇ باھار بايرىمىدىن كېيىن دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ ئاتا - ئانىسىغا ھەمراھ بولۇشنى پىلانلىدى.

 شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتى مەركىزىي توپلاشتۇرۇپ تىزگىنلەش ئىشخانىسىدا، 50كە يېقىن مەشغۇلات خادىمى شىركەتنىڭ 72 يۈرۈش قۇرۇلمىسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تىزگىنلەۋاتاتتى. «كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلىش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن قىزىل رەڭلىك خەتلەر كۆزنى ئالاھىدە قاماشتۇرۇپ، باھار بايرىمىغا خۇشاللىق تۈسى قوشقانىدى.

 گازلاشتۇرۇش سېخى فېنول يىغىۋېلىش مەركىزىي تىزگىنلەش سۇپىسىنىڭ باش مەشغۇلاتچىسى چېن تىڭتىڭ ئاساسلىقى كۆمۈر گازى ئېلىشتا چىققان كېرەكسىز سۇنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، ئاممىياك، فېنول يىغىۋېلىش ۋە ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچىنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇدا يەتتە يىل باھار بايرىمىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. «كارخانىنىڭ ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلانغاندىلا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئاندىن كۈنسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى چېن تىڭتىڭ.

 باھار بايرىمى مەزگىلىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتى شىركەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يېتەكچىلىك قىلىش، سېخ مۇدىرى ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئىش ئورنى خادىمى نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى ھەم بايرام مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىدا بىنورمال ئىشلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ماشىنىلارنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كاپالەتلىك قىلىش زەربىدارلار ئەترىتى ۋە تېخنىكىلىق جىددىي رېمونت قىلىش زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ مېتانول، LNG(سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز)، BDO (4 ،1 - بۇتاندىئول)، پولى فورمالدېھىدتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %6.9، %9.4، %174، %8.5 ئېشىپ، تۇنجى ئايدىكى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدىكى «زەنجىر باشلىقى»كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2024 - يىلى، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتى ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 545 مىليون يۈەن بولۇپ، «شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش تەقدىرنامىسى»گە ئېرىشتى.

 «بۇ يىل، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى شىركىتى كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، غەربىي قىسىمدا كەسىپ ئەۋزەللىكى روشەن بولغان خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال كەسىپ گۇرۇھى قۇرۇپ، پېيىنى بازارغا سېلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ» دېدى ما جىنرۇڭ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125