ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
2- ئاينىڭ 5- كۈنى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىدا، سېلىنما ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 2- ئاينىڭ 5- كۈنى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىغا كىرىپ، سېلىنما ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرىنىڭ رولى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، كۆپچىلىك ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كەڭ نەزەر دائىرە ۋە كەڭ قورساقلىقنى يېتىلدۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، سېلىنمىنى سىجىل كېڭەيتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئارقىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە پىلان دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن بولغان تەتقىقات ۋە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېشىش مىقدارىنى تېز تېپىپ چىقىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، سېلىنمىنى باشقۇرۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىستېمىلىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى شامال ئېلېكتىر، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، سېلىنمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوڭ يۆنىلىشلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، جىپسىلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بالدۇر ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى بالدۇر ئىشلەپ، تېز ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى تېز ئىشلەپ، «پۈتۈن كۈچ بىلەن بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش»تەك چىدامچانلىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىگە كېلىپ، خامچوت باشقارمىسى، دۆلەت خەزىنىسى چىقىم مەركىزىدە خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، مالىيە نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: بۇ نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ مالىيە خىزمىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، زور بىر بالداق ئۆرلىدى، بىزنىڭ نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزغا مەدەت بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مالىيە بايلىقى ۋە خامچوتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مالىيە ئىنچىكە ھېساباتى، ئېنىق ھېساباتنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل قېزىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، مالىيە مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈپ، مالىيە كىرىمى كۆلىمىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېگى- تەكتىنى ئېنىقلاپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق، ئەمەلىي مۇستەھكەملەش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، مالىيە كۈچى كاپالىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. مالىيە باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مالىيە- ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدە ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز خەلق ئىگىلىكى ھېسابات باشقارمىسىغا كىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. سۆھبەتتە، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى، ئېشىش يۈزلىنىشى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى، ما شىڭرۇي ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنى چۆرىدەپ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم ئاساس. قانۇن بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىش، ئىلمىي ئىستاتىستىكا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستاتىستىكا ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساختىپەزلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوچۇق شەكىللىك، سىستېمىلىق تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىستاتىستىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئاساسنى پۇختىلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇپا قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىستاتىستىكا تارماقلىرىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنى پۇختا ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، تىرىشىپ يېڭى بىر يىلدا تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.