ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:22:10 2025-02-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي تەپتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ يېزا خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدىكى قالتىس تەرەققىيات مۇساپىسى، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرى چوڭقۇر خۇلاسىلەنگەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانى كۆزلەنگەن بولۇپ، 2025- يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا سەمىمىي ئۈمىدى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى، 2025- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، 2025- يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش تۈر پىلانى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، مۇھىم سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەپتىش تۈرلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا بېكىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، كەسكىن تۈزىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى توختاۋسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت زەنجىرىنىڭ سىجىل مۇكەممەللىشىشىگە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىل ۋە پايدىلىق شارائىتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ناھىيە رايونىدا خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك. ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125