كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت ياردەم پۇلى ئۈرۈمچى باھار بايرىمىلىق ئىستېمال بازىرىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى
15:07:18 2025-02-08 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېڭى ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش، يېڭى ئۆينى زىننەتلەش، يېڭى بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش... كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كۈچەپ كېڭەيتىلىپ، بۇنىڭغا ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىلىق ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلى قوشۇلۇپ، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئاشتى.

 1- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى باش تېمىلىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى «چۇنشىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش دولقۇنى» ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، 3C تۈرىدىكى تاۋارلارغا ئېتىبار بېرىش مەخسۇس پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، سودا- سېتىق كارخانىلىرى بانكا بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باھار بايرىمىدا يېڭى يان تېلېفون ئالماشتۇرىدىغان، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارنى ئېتىبار بىلەن تەمىنلىدى.

 ئەمدىلا ئاخىرلاشقان باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چاڭچۇن جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان KL شىڭپىنخۇيدىكى شياۋمى ئائىلىسى دۇكىنىدا خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. دۇكاندىكى ئېلان تاختىسى ۋە تىكلىمە ئېلان كارتىلىرىدا ئەڭ يېڭى سىياسەتلەر تونۇشتۇرۇلغانىدى: 6000 يۈەندىن تۆۋەن باھادىكى يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار ھۆكۈمەتنىڭ %15لىك ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يۇقىرى چېكى 500 يۈەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شياۋمى ماركىسىنىڭ «پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش» پائالىيىتىدە بىر قىسىم يان تېلېفون تىپلىرىغا يەنە 400 يۈەن ئېتىبار بېرىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ياش ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى، بەزى پوكەيلەرنىڭ ئالدىدا ھەتتا ئادەملەر ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇردى.

 ئۈرۈمچىدە شياۋمى ئائىلىسى دۇكىنىدىن تۆتنى ئاچقان شىنجاڭ خاۋدىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ جيېپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە رەقەملىك مەھسۇلاتلارغا دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بازاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. شياۋمى داڭلىق ماركىسىدىكى رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى %30تىن ئاشتى، باھاسى 3500 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە بولغان يان تېلېفون تىپلىرى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.

 ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇنىڭ يىگوۋ خەيئېر، مېيدى، خەيشىن قاتارلىق ماركىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئىستېمالچىلارغا مەخسۇس ھېس قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ كېلىپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى «دۆلەت ياردەم پۇلى، زاۋۇت ياردەم پۇلى، سۇنىڭ ياردەم پۇلى»نى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ باھار بايرىمىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىگە كۈچ قوشتى.

 سۇنىڭ يىگوۋنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دۇكانلىرىنىڭ باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە 3C رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان خېرىدارلار %95تىن ئاشقان. چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور، ئائىلە تازىلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرى، مودا رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشقان، «باھار بايرىمىلىق بازارغا سېلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېڭى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، يېشىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى» باھار بايرىمىلىق ئىستېمالدىكى ئالقىشلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغان.

 سۇنىڭ يىگوۋ دوستلۇق بايراقدار دۇكىنىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كۈچەپ كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، دۇكاندىكى خېرىدارلار %50 كۆپەيدى، ئەسلىدە ئىككىلىنىپ قالغان نۇرغۇن ئىستېمالچى باھار بايرىمىدا رازى بولغۇدەك ئىستېمال تۇيغۇسىغا ئېرىشتى.

 نۇرغۇن ئاپتوموبىل كارخانىسىمۇ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، ۋېيلەي ئاپتوموبىلى بەش يىللىق ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن سېتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى بۇ يىل 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە خېرىدارلار %20 زاكالەت پۇلى تۆلىسە، بەش يىللىق ئۆسۈمسىز قەرزدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ تېسلا 3 Model بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا 8000 يۈەنلىك سۇغۇرتا ياردەم پۇلى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەش يىللىق ئۆسۈمسىز قەرزدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئالاھىدە توك قاچىلاش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى كۈچەيتىلىپ، باھار بايرىمىلىق ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. باھار بايرىمىدىن بۇرۇن شىنجاڭ ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى، يان تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى چۆرىدەپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدىن ئالتىنى تۈزۈپ، نېمىگە ياردەم پۇلى بېرىش، قانداق ياردەم پۇلى بېرىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ، مەبلەغنى تېخىمۇ تېز نەقلەشتۈردى. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باھار بايرىمىلىق ئىستېمالنىڭ ئاۋات پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پائالىيەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

 2- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە 47 مىليون 100 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنىپ، 280 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى 26 مىڭ 600، ئىلتىماس قىلىنغان ياردەم پۇلى 19 مىليون 765 مىڭ يۈەن بولۇپ، 105 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى؛ يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىدىن 50 مىڭ 500ى ئىلتىماس قىلىندى، ئىلتىماس قىلىنغان ياردەم پۇلى 19 مىليون 952 مىڭ يۈەن بولۇپ، 164 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى. توكلۇق ۋېلىسىپىت ۋە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاشمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125