تۇزنى قازاندا قىزىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، كۆپىنچە رېماتىزملىق ئاغرىق، بوغۇم ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، بەل مۇسكۇلى زورۇقۇش، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، تىز سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى، ئوشۇق ئاغرىقى، جەينەك بوغۇمى ئاغرىقى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، سوزۇلما ئاشقازان ئاغرىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش، نېرۋا ئاغرىش، سوغۇقتىن قورقۇش كېسىلى قاتارلىقلارنىمۇ تۇزنى قازاندا قىزىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ. ئۈچ جىڭ ئەتراپىدا يىرىك تۇزنى قازاندا ئوتتۇراھال ئوتتا تەخمىنەن ئون مىنۇت ئەتراپىدا قىزىتىپ ياكى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا بەش مىنۇت ئەتراپىدا قىزىتىپ، لاتا خالتىغا قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن خالتىنى ئوراپ، بوغۇم ئاغرىغان ئورۇنغا قويۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. تۇز بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە تۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىپ، بەك قىزىق بولسا لۆڭگە بىلەن نەچچە قەۋەت قىلىپ ئوراپ ئاندىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك.
تۇزنى قازاندا قىزىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ
16:59:56 2025-02-08
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义