ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
22:46:53 2025-02-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلەش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

2- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى، يېزا رايونلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئورۇنغا قويۇشقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىغا يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى سىڭگەن، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى نامايان قىلىنغان، يۈز مىليونلىغان دېھقان ئاممىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىر ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ھەرىكەت ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: 2024- يىلى شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى بىرقەدەر تېز ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاپ، دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، تىرىشىپ ئاشلىق ھوسۇلىنى يەنە 1 مىليارد جىڭدىن ئارتۇق ئاشۇرۇش؛ پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «چارۋىچىلىققا دائىر توققۇز ماددا»لىق سىياسەت- تەدبىرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باغ- ئورمان كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كۆكتات كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش؛ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي بوشاشماي مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، دائىملاشقان يار- يۆلەك بولۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە يار- يۆلەك بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، شەھەر- يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش؛ كەسىپ تەرەققىياتى، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش ۋە يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ى نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدەم- باسقۇچقا بۆلۈپ تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بايلىق كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاددىيلاشتۇرۇۋەتمەي، «بىر تاياقتا ھەيدىمەي»، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى تۇتۇپ بېجىرىش؛ كەنتلەرنى تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى ئاساسىي قاتلام سىياسىي ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىپ، پىلانلاپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تىرىشىپ يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىللىق خىزمەت نىشانى ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ۋە بېكىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىندىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، كەسىپ توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، سانجى شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار ۋە يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى ۋە تۇەن- مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125