ما شىڭرۇي شىنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
2- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن كونكرېت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە، ئەمەلىيەت جەھەتتە، تۈزۈم جەھەتتە بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت بايرىقىنى تىكلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلەش، قوللىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تارقىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي جەھەتتىن «قاراش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشنى «ئىككىنى قوغداش»تىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىستراتېگىيە جەھەتتىن «پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى سىجىل زورايتىپ، كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى كۈچەيتىش؛ دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتىن «تىكلەش»تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش؛ شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتەك تارىخىي پاكىتلارنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتتا «ئىلگىرىلەش»تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى چۈشەپ قويۇۋاتقان چەكلىمە ۋە توسالغۇلارنى كۈچەپ تۈگىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى «تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ئوبرازنى نامايان قىلىش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئاساسنى «مۇستەھكەملەش»تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاممىۋى پىكىرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، بايلىق كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، ياخشى تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە چوڭ تەشۋىقات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشلارنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق، چوڭقۇر پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىندىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى دەل جايىدا ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن- مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.