كۈندە بىر رەددىيە | خۇرۇچ ھاراق كۆپ قۇيۇلغان قورۇمىنى يەپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش» ھېسابلىنامدۇ؟
17:39:51 2025-02-10 تىيانشان تورى

  خۇرۇچ ھاراق گەرچە تەم تەڭشىگۈچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خام ئەشياسى تەركىبىدە ئىسپىرت بار. ئەگەر قورۇما قورۇغاندا خۇرۇچ ھاراقنى كۆپ قۇيسا، بۇ قورۇمىنى يەپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش» ھېسابلىنامدۇ؟

سۈرەت مەنبەسى: «كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو»

 تيەنجىن پەن- تېخنىكا داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ چۈنلىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: قورۇما قورۇش تاماملانغاندىن كېيىن، خۇرۇچ ھاراق تەركىبىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىسپىرت ئىسسىقتىن پارلىنىپ، قورۇما ئىچىدە كۆپ مىقداردا ساقلىنىپ قالمايدۇ. لېكىن، خۇرۇچ ھاراقنى بەك كېيىن قۇيۇش ياكى بەك كۆپ قۇيۇش سەۋەبىدىن قورۇمىلاردا مەلۇم مىقداردا ئىسپىرت ساقلىنىپ قېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، بىر ۋاق تاماقتا تەركىبىدە خۇرۇچ ھاراق بولغان قورۇمىلارنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ، تەكشۈرگەندە «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش» بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.

 خۇرۇچ ھاراق گەرچە «ھاراق» دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇ تاماق ئېتىشتە ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچ، ئۇنىڭ تەركىبى، تەمى ۋە ئىشلىتىلىشى بىۋاسىتە ئىچىلىدىغان ھاراق تۈرلىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ، شۇنداق بولغاچقا بىۋاسىتە ئىچىشكە بولمايدۇ. ۋاڭ چۈنلىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: خۇرۇچ ھاراق تەركىبىدە تۇز مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىۋاسىتە ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىستېمالچىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، خۇرۇچ ھاراقنى قەلەيدىن ياسالغان قاچىلاردا ساقلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى خۇرۇچ ھاراق قەلەي بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاسانلا قوغۇشۇن ئاجرىلىپ چىقىپ، قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سالامەتلىككە بەلگىلىك خەۋپ يېتىدۇ.

 خۇرۇچ ھاراقتا چۆكمە پەيدا بولغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولۇش - بولماسلىقى چۆكمە پەيدا بولۇشتىكى سەۋەبگە باغلىق، ئەگەر خام ئەشيادىن ئاجرىلىپ چىققان چۆكمە بولۇپ، خۇرۇچ ھاراقنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرمىگەن بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا خۇرۇچ ھاراقنى يەنىلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، ناۋادا خۇرۇچ ھاراقنى ساقلىغان ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە ياكى ساقلاش شارائىتى مۇۋاپىق بولمىسا، چۆكمە ھاسىل بولۇش بىلەن بىللە، خۇرۇچ ھاراقتا چۈچۈمەل تەم پەيدا بولۇپ، رەڭگى قېنىقلىشىپ، دۇغلىشىپ كەتسە، قايتا ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. خۇرۇچ ھاراقنى ئاچقاندىن كېيىن سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلاش (℃25~℃15)، ھىملىقىغا ۋە پاكىزلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. (مۇخبىر لى جيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125