ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن بەيياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
20:49:49 2025-02-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2- ئاينىڭ 11- كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن بەيياڭ شەھىرىگە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، كەسىپلەر باغچە رايونى، پورت دۆلەت دەرۋازىسى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان زور ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ زور بوشلۇق يارىتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ چۆچەك- دۆربىلجىن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يېڭى ماتېرىيال پەن- تېخنىكا باغچىسىغا كېلىپ، باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم شىنجاڭ شىندا ئوتتۇرا- يۇقىرى بېسىمدا ياسىلىدىغان مېتال ياپراقچە تۈرى قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا باغچە رايونى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، تارباغاتاينىڭ كۆرۈنەرلىك شامال ئېنېرگىيەسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل توك بىلەن يۇقىرى نىسبەتتە تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېشىل تەرەققىيات ئۈلگىسى بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى. تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ۋېيگۇاڭ تۆۋەن كاربونلۇق پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، سەنيى شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا كىرىپ، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە چوڭقۇر تايىنىپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىسىنى كۈچلۈك نامايان قىلىش كېرەك.

 باقتۇ پورتىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، پورتنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ ئېچىۋېتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئاساسىي شارائىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش» كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

2- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن بەيياڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بەيياڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىدا شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىماقتا.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىڭتۇەن بەيياڭ شەھىرى بىلەن چۆچەك شەھىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاپ قۇرۇش، گىرەلەشمە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بەيياڭ شەھىرى قۇرۇلۇش تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىغا كېلىپ، شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم بەيياڭ شەھىرىدىكى 12 يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپ، بىڭتۇەن- يەرلىك يۇغۇرما چوڭ يولى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ گىرەلەشمە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ، ھەم شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا پايدىلىق. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەرىتىنى بىرلەشتۈرۈپ پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، تىرىشىپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ شەھەر- بازار، قاتناش، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بەيياڭ شەھىرىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، تەرەققىيات شارائىتى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل بايلىق ۋە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىكى ئورۇن بېكىتمىسى ۋە ئەۋزەللىكنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ئېچىۋېتىشتىكى قاتتىق ئەسلىھە ۋە يۇمشاق مۇھىتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يۈكسەلدۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، سىياسىي، ئىستراتېگىيە، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىدىيەنى تۇتاشتۇرۇش، بوشلۇق جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تۈرلۈك ئىشلاردا يۇغۇرۇلۇش، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، شۆ بىن، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، لى جېنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125