قەدەم ئارقىلىق شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى باھار تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىش
10:30:57 2025-02-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

باش باھاردا ھەممە نەرسە يېڭىلىنىدۇ، ئۇ، ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.

قايناق، ئاۋات شەھەر كوچىلىرىدىن جىمجىت، چەت، يىراق يېزا- كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدىن قار- مۇز بىلەن قاپلانغان چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىغىچە... 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق مۇخبىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا ئاتلاندى.

مۇخبىرلار ئالتايدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قار يولىدا ئۇچقاندەك تېيىلغان چەبدەس قىياپەتلەرنى خاتىرىلىدى؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئانار كوچىسىغا كىرىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھارپا كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا مەرىكىدىكى ئىتتىپاقلىق كەيپىياتىنى ھېس قىلدى؛ بىپايان قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى گاز ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ، ئىشچىلارنىڭ قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى... ئۇلار چىن قەلبى بىلەن تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ، كامېرا ئارقىلىق ئىللىقلىقنى سۈرەتكە ئېلىپ، يېزىق ئارقىلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭدا باھار بايرىمىدىكى قاينام- تاشقىنلىق ۋە ئۈمىدنى، كۈرەش قىلىش ۋە چىڭ تۇرۇشنى بىر- بىرلەپ نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە بۇ تۇپراقنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى مەنزىرىسىنى كۆرسەتتى.

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەرەققىيات قىزغىن دولقۇنى

باش باھار يېتىپ كەلگەن پەيتتە، قومۇل شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «قومۇل شېرىن تەمى» «جۇڭگو شېرىن تەمى»گە ئايلاندى، خەينەندە تېرىلغان قومۇل قوغۇنى ئۆزگىچە تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە سۈپىتىگە تايىنىپ، بازاردا ئىزچىل تېز سېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قومۇلنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپى ھاياتىي كۈچكە تولدى، كارخانىلار تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، مەملىكەت سىرتى بازىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. ئېتىزلاردىن زاۋۇتلارغىچە، دۆلەت ئىچىدىن دۆلەت سىرتىغىچە، قومۇلنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەت بىلەن كەڭ سەھنىگە يۈزلەنمەكتە. بۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رايون ھالقىپ تېرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بازارنى كېڭەيتىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى جۈشى پەن- تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، بازالىت ئېرىتىلىپ ئىنچىكە تالا قىلىپ تارتىلىۋاتاتتى. بۇ ئىنچىكە، مۇستەھكەم تالالار توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە كەڭ ئىشلىتىلىپ، سانائەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە، ھەممىلا يەردە كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سىيماسى بار. غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 1- زاۋۇتىنىڭ ئوتتۇرا 12- رايون بۆلىكىدە گاز ئېلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، ئىشچىلار قەھرىتان سوغۇققا پەرۋا قىلماي ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلماقتا؛ قاراماي شەھىرىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە دۆلەت تەجرىبىخانىسى (تەييارلىق)نىڭ ئارىلىق سىناق بازىسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە تېخنىك ئىشچىلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، نېفىت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولماقتا؛ ئالاتاۋدا جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ رېلىس ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئالدىراش بولۇپ، لىق يۈك بېسىلغان پويىزلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاتناپ، خەلقئارا سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كەسىپ بىرىنچى سېپىدىكى بۇ ھېكايىلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جانلىق تەسىرى. شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.

قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان بەخت مەنزىرىلىرى

باھار بايرىمىدا، ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ جايدا جەم بولۇپ، قار يولىدا قانغۇچە تېيىلىپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى. شۇ جاينىڭ قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئويۇنى تېخىمۇ دىققەتنى تارتتى، ئويۇن كۆرسەتكۈچى تىلەك تېلەۋقازى ئۇچىسىغا ئەنئەنىۋى كىيىم كىيىپ، تېرە چاڭغا بىلەن قار يولىدا ئۇياق- بۇياققا ئەركىن تېيىلىپ، ھەم قەدىمىي قار تېيىلىش ماھارىتىنى نامايان قىلدى، ھەم مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدى. قار- مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىنتايىن قىزىشى شۇ جاينىڭ يېمەك- ئىچمەك، مېھمانخانا قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن ئاھالە ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، غۇلجا شەھىرىدىكى ئالتە شۇئار كوچىسى، قازانچى ساياھەت رايونى داكا قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراققا تولغان كوچىلاردا، ساياھەتچىلەر خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى ھېس قىلدى؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا، مەملىكەت بويىچە تۆت ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كېلىپ تىرېنېرلىق قىلىۋاتقان «يەتتە ئالتۇن گۈل» كۇرسانتلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى؛ گۇچۇڭ ناھىيەسى جېبىكى بازىرى شاڭپوزا كەنتىدە، دېھقان ۋۇ شېڭخۇ داڭلىق تىرېنېرغا ئايلاندى... بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزا- كەنتلەردە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىدۇ.

پامىر ئېگىزلىكىدە، دېھقانلار ناچار مۇھىتنى يېڭىپ، يېڭى كۆكتاتلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېرىپ ئۆستۈرۈپ، ئېگىزلىكتىكى خەلقنىڭ تاماق ئۈستىلىنى بېيىتتى؛ نەق مەيداندا تۇتۇش، تېز توڭلىتىپ سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق بۇرۇلتوقاينىڭ سوغۇق سۇ بېلىقلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تېپىپ، بېلىقچىلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

شىنجاڭدىكى شەھەر- يېزىلار تەرەققىي قىلىپ كۈنسېرى يېڭىلاندى، شەھەرلەردە ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىندى؛ يېزا- كەنتلەردە كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق كۆركەم ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەربىر ھېكايە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان، بەخت تۇيغۇسىغا تولغان تۇرمۇش ھالىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھۆرمەتكە سازاۋەر كۈرەش قىلغۇچىلار توپى

شۇنداق بىر توپ كىشىلەر بار، ئۇلار ئىش ئورنىدا ئۈن- تىنسىز چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىزاھلاپ كەلمەكتە.

1- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى شويىڭپەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى، شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئورمان- ئوتلاق ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قانات يايدۇرغان بىرلەشمە تاغنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇق. سائەت 9دىن 19غىچە، 10 سائەت داۋاملاشقان 29 كىلومېتىرلىق چارلاش جەريانىدا، يېتەكلىگۈچى خەلق ساقچىسى ليۇ يۈخاڭ ئېيتقان «چېگرا چارلاش يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ، دۆلەت بولغاندىلا ئاندىن ئائىلە بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

چۆللۈكتە، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغۇچى خادىملار باھار بايرىمىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئەستايىدىل چارلاپ تەكشۈرۈپ، تەبىئىي گازنىڭ مۇقىم يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، سوغۇق شامال سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ قىلچە چېكىنمەي، كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئايال چېگرا قوغدىغۇچىلار چېگرا لىنىيەسىدە ياشلىق باھارى ۋە ئەجرى بەدىلىگە دۆلەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ناچار مۇھىت ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىنى قۇربان قىلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىزاھلاپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئايرودۇرۇم خىزمەتچى خادىملىرى ئايروپىلاننىڭ «سالامەتلىكى»نى كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈردى، ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى، سۇچىلىق ئىنژېنېرلىرى سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، تۆمۈريول ۋە تاشيول ئاسراش تارماقلىرى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا پۈتۈن كۈچى بىلەن قار تازىلىدى...

ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان بۇ كىشىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇستەھكەم ئارقا تىرەك. ئۇلار مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى شىنجاڭ خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قەيسەرلىكىنى نامايان قىلدى، ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى شىنجاڭدا باھار بايرىمىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدىكى قالتىس قىممىتىنى نامايان قىلدى.

بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلغان پۇختا قەدىمى بار، شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان بوشاشماي ئىنتىلىشى بار.

بىز مۇخبىرلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى «باھار دولقۇنى»نى خاتىرىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە «باھار كۈيى»نى پۈتۈپ چىقماقتىمىز. بۇ سەپەر بىزگە نىسبەتەن ھەم زىيارەت قىلىش، شۇنداقلا بىر مەيدان ئىللىقلىققا تولغان تاۋلىنىش بولدى. بىز ھاياجان ۋە كۈچ- قۇۋۋەتكە تولۇپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش»نى داۋاملىق چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆپچىلىككە داۋاملىق نامايان قىلىپ بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125