ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئېنېرگىيە كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنتەي تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كارخانىلارنىڭ چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ۋە شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا ماس تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
2- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنتەي تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە، ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ دىققەتنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېتەكلەش، تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى خىمىيە سانائىتى كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بۇلغىما ئازايتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى چوڭقۇر تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېشىل زاۋۇت قۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، بولۇپمۇ «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن كارخانا كۈچىنى قوشۇش كېرەك.
شىنتەي تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىدە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ تىجارەت، كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي كارخانىغا خەلق تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاكتىپ بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بىز كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، كەسىپنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. كارخانىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئېنېرگىيە تېخنىكا تەتقىقاتى، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، چوڭ- چوڭ تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، يولغا قويۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)