ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:49:57 2025-02-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇھاكىمە قىلىندى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى 

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەننىڭ يىبىڭ شەھىرى جۈنليەن ناھىيەسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ھەمدە خاربىن 9- نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەندە قىلغان مۇھىم تەبرىك سۆزى، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇھاكىمە قىلىندى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يەر تەۋرەش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش- ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، قاتناش- تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئاپەت، ھادىسىلەر يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت قىلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قار- مۇز ئىقتىسادىنى زورايتىپ، قار- مۇز مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ قار- مۇز كەسپىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قار- مۇزلۇقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە بايلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات مەۋقەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نېفىت- گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا قاتارلىق مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشان- ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ھەر ۋاقىت ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى، ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە تېخىمۇ ماھىر بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى جازالاش، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئە كۆرۈش، جەمئىيەت قاتلىمىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي- قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە «باشقۇرۇش»تىن «ياخشى باشقۇرۇش»قا قاراپ ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125