ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
19:50:15 2025-02-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى.

2- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەكتەپ تەسىس قىلىنىش، ئوقۇغۇچى سانى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدە، ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەكتەپ تەسىس قىلىنىش، ئوقۇغۇچى سانى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ جىددىي ئېھتىياجلىق. مائارىپ تارماقلىرى مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى چوڭقۇر تونۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى پىلانىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مائارىپنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تولۇق كۇرس كەسپىي مەكتەپلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇش كېرەك. تەتقىق قىلىپ پىلانلاش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىقنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال شارائىت يارىتىش كېرەك. پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى قاتارلىق يوللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سىجىل پۇختىلاپ، مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە مائارىپ نازارىتى تەرەققىيات پىلان باشقارمىسى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىغا كىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى سەپلەپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدە، ما شىڭرۇي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىگە كىرىپ، شىنجاڭ ئاقىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتا بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سورىدى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىش، كەسىپ يىللىق پۇلىنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قاتارلىق كونكرېت كەسىپلەر توغرىسىدا ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىككە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپنى ئەمەلىي تەتقىق قىلىپ، تولۇق تەتقىق قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئىجتىمائىي كاپالەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشنى تاپىلىدى. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي ئەمگەك رېۋىزىيە باشقارمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى مەنبەدىن تەلتۆكۈس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان- چارۋىچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى چۆرىدەپ، سۇپا ۋاسىتىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ بىر ئۇچى تەرەققىياتقا تۇتىشىدىغان، يەنە بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر. يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ خىزمىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە باغلىنىشلىق. ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بولىدىغان غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى پۇختا، ياخشى بېجىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ۋاڭ جيەنشىن، مۇقىيات جارمۇقامەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125