2- ئاينىڭ 11- كۈنى، فېڭ شياۋلى كۆپ يىل ھەمكارلاشقان ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللىرى بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «رۇس مىللىتىنىڭ ليېبا پىشۇرۇش ھۈنىرى بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەم ئەنئەنىۋى ليېبا پىشۇرۇش ھۈنىرىنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم، ھەم يەنە قېتىق ليېباسى، زىشۇ ليېباسى، كاۋا ليېباسى قاتارلىقلارنى پىشۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زاكاز جەلپ قىلدىم»، دېدى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان رۇسچە ليېبا پىشۇرۇش ھۈنىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى فېڭ شياۋلى غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار كوچىسىغا جايلاشقان ليۇبا رۇسچە ليېباخانىسىدا.
ليېبا رۇس مىللىتىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولغان بولكا بولۇپ، رۇسچە ئاھاڭ بويىچە تەرجىمە قىلىنغان، ئاق ئۇن، قارا بۇغداي ئۇنى ئاساسلىق ماتېرىيال، شېكەر، تۇخۇم، ھەر خىل ئۆزى ياسىغان ياۋا مېۋە مۇرابباسى، مېۋە قېقى قاتارلىقلار قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىنىپ، كېسەك ئوچاقتا قاقلاپ پىشۇرۇلىدىغان رۇس مىللىتىنىڭ خاس يېمەكلىكى، ياۋروپاچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، چۈچۈمەل ھەم تەملىك، يۇمشاق، چۈرۈك بولۇپ، ساقلاش ئاددىي، يېيىشكە قولايلىق.
«بىز ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى خېرىدارلار توپىغا قارىتا ھەر خىل ئۆزگىچە ليېبالارنى تەييارلايمىز، يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى پۇرچاق قىياملىق بولكىنى يېيىشكە ئامراق، 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار كوكۇس مېۋە قىياملىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، 28 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكىلەر ئاساسەن دائىم ياڭاق مېغىزىنىڭكىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، ياشانغانلارغا قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان قارا بۇغداي بولكىسىنى تەۋسىيە قىلىمىز». جەمەتىنىڭ 4- ئەۋلاد ليېبا پىشۇرۇش ھۈنىرى ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فېڭ شياۋلى دۇكىنىدىكى كۆپ قىسىم تىجارەتنى ئۆزىنىڭ ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللىرىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇ دائىم دېگۈدەك قانداق قىلغاندا ليېبانى تېخىمۇ يېيىشلىك پىشۇرغىلى، كۆپچىلىكنىڭ تەم سەزگۈسىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ.
فېڭ شياۋلى رۇس مىللىتىدىن بولۇپ، رۇسچە ئىسمى لىلىيا. ئۇ كىچىكىدىنلا مومىسى ۋە ئانىسىنىڭ تەسىرىدە ئاڭلىغىنىنى قۇلىقىغا، كۆرگىنىنى كۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ليېبا پىشۇرۇش ھۈنىرىنى بارا- بارا قەلبىگە ئويۇپ چىقىدۇ. مومىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، لىلىيادا ليېبا پىشۇرۇش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە «ئانا تەم»نى تېتىتىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ. 2015- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ غۇلجا شەھىرىدە دۇكان ئاچىدۇ، 2020- يىلى ئالتە شوئار كوچىسىغا كېلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ليېبا پىشقاندىن كېيىن، دېرىزىنى ئاچقان ھامان، ساياھەتچىلەر مەززىلىك پۇراقنى پۇراپلا كېلىدۇ.
«مەن ئۆزۈم يالغۇز شىنجاڭغا ئوينىغىلى كەلگەنىدىم، ئاتنىمۇ مىندىم، گۈزەل سۈرەتلەرنىمۇ تارتتىم، بۈگۈن يەنە يېڭىلا تونۇردىن چىققان رۇسچە بولكىنى يېيەلىدىم، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن بىھۇدە ئۆتمىدى»، دېدى سىچۇەن دۇجياڭيەندىن كەلگەن نوپۇزلۇق ساياھەت دارېنى جاڭ لى يېڭىلا دۇخوپكىدىن چىققان ليېبانى يېگەچ.
2- ئاينىڭ 11- كۈنى، خىزمەتچى خادىم يېڭىلا پىشقان ليېبانى ئالماقتا.
2- ئاينىڭ 11- كۈنى، فېڭ شياۋلى كىچىك دوستلارنى «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىنى ئېيتىشقا ئىلھاملاندۇردى، مۇكاپات بۇيۇمى بىر قاپ بولكا ئىدى.
2- ئاينىڭ 11- كۈنى، فېڭ شياۋلى ساياھەتچىلەر بىلەن ليۇبا رۇسچە ليېباخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ھەمتۈرتكە بولماقتا.
2- ئاينىڭ 11- كۈنى، خىزمەتچى خادىم مالىنا قىيامى سۈركەلگەن بولكا پىشۇرماقتا.
2- ئاينىڭ 11- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار بولكا پىشۇرماقتا.
2- ئاينىڭ 11- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئارقا ئاشخانىدا بولكا پىشۇرماقتا.