كۈندە بىر رەددىيە | گۇۋاھنامە «ئېسىپ قويۇش» ئىشەنچلىكمۇ؟
18:17:55 2025-02-17 تىيانشان تورى

 گۇۋاھنامە «ئېسىپ قويۇش» دېگىنىمىز، شەخس ئۆزىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئۆزى ئىشلىمەيدىغان ئورۇنغا ئېسىپ قويۇپ، قارىمىقىدا بولغان ئورۇن ئۇنىڭغا بەلگىلىك ھەق بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قارىمىقىدا بولغان ئورۇن بەلگىلىك ساندىكى گۇۋاھنامىسى بار «ئىشچى- خىزمەتچى»نى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئالاقىدار سالاھىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ ياكى ئالاقىدار تۈرلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ.

 كۆپچىلىككە شۇنى ئېنىق ئېيتىمىزكى، گۇۋاھنامە «ئېسىپ قويۇش» قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشتۇر. دۆلەت بۇ خىل ساختىپەزلىك قىلمىشىنى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ خىزمىتى ياكى تۈر سۈپىتىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىپ، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ چەكلىگەن.

 گۇۋاھنامىسىنى «ئېسىپ قويغان» شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالالماسلىقى ياكى گۇۋاھنامىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

 شۇڭا، گۇۋاھنامە «ئېسىپ قويۇش» ئىشەنچلىك ئەمەس!

 مەيلى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولسۇن ياكى باشقا ماھارەت گۇۋاھنامىسى بولسۇن، گۇۋاھنامە ئىگىسى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «گۇۋاھنامە ئېسىپ قويۇش» قىلمىشىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى خەۋپ- خەتەر ئىچىگە چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

 يېڭى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا مۇناسىپ گۇۋاھنامە ئېلىش كېرەكمۇ؟

 «دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، دۆلەت بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە كەسپىي سالاھىيەتنى دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، تىزىملىك شەكلىدىكى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، مۇندەرىجە ئىچىدە بولمىسا كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى بېرىشكە ۋە ئۇنى بېكىتىشكە بىردەك يول قويۇلمايدۇ، مۇندەرىجە ئىچىدىكى ئىجازەت بېرىش تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەتتىن باشقىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بىلەن باغلاشقا بىردەك يول قويۇلمايدۇ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان يېڭى كەسىپلەردە، بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش تۇتماي، يېڭى كەسىپلەرنى ئىجازەت تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەت سۈپىتىدە دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، يېڭى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا، جەزمەن مۇناسىپ گۇۋاھنامە ئېلىش شەرت ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125