ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن تيېمېنگۇەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك
2- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى، كورلا شەھىرى ۋە بىڭتۇەن تيېمېنگۇەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي كورلا شاڭخۇ- چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2- قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي 2- ئاينىڭ 17- كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى، كورلا شەھىرى ۋە بىڭتۇەن تيېمېنگۇەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ۋە باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى زوركۈت قەدىمىي شەھەر خارابىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئىسپات. ما شىڭرۇي خارابىلىكنى قېزىش نەق مەيدانىغا كېلىپ، كۆتۈرمە يولنى بويلاپ خارابىلىكنىڭ يەر شەكلى، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېگىز جايغا چىقىپ يۇقىرىدىن خارابىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى شىنجاڭنىڭ 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئارخېئولوگىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن بۇ مۇھىم مەسىلىنى تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن، دەل جايىدا، جانلىق ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلۇشى، كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە مۇزېينى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى نامايان قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۈگۈر پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ما شىڭرۇي يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، قەرەلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئۇ يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرگە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خاس كەسىپلەر قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، تۇرۇبا تورىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئۈچۈن يېڭى بوشلۇقنى پائال كېڭەيتىشنى تاپىلىدى.
ما شىڭرۇي بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ بازار ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىپ، ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، تۆۋەنگە چۈشكەن ساقچى كۈچلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كۆزلەپ، خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ تىنچ- ئامان، ئىناق ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي نۇقتىلىق ئېنېرگىيە بايلىقى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ بۈگۈر ناھىيەسىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق بازىسىغا كېلىپ، بۇلتۇرقى نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە بۇ يىللىق پىلاننى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت- تەبىئىي گازلىقنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى. كورلا شاڭخۇ- چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسىپ باغچىسىدا، ما شىڭرۇي جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2- قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كارخانىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بۇ باشلامچى تۈرنىڭ بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى؛ جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش بويىچە 1 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە ئىشلىتىشكە سىجىل كۈچەپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك؛ كورلا جۇڭتەي نېفىت- خىمىيە شىركىتىگە كىرىپ، يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا PTA ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە تيېمېنگۇەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، شىنجاڭ شىنجى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ چىڭ داۋلىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بېيىتىشى كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە زىچ تايىنىپ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. تۈرلۈك باغچە رايونلىرى ۋە تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچ ۋە تىرەك كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كارخانىلار بەس- بەستە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. تېخىمۇ زور سالماق بىلەن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتتىكى چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆپ بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)