كۈندە بىر رەددىيە | ئاق ھاراقنى خۇرۇچ ھاراق ئورنىغا دەسسىتىشكە بولامدۇ؟
18:52:09 2025-02-19 تىيانشان تورى

  نۇرغۇن كىشى ئاق ھاراق بىلەن خۇرۇچ ھاراقنىڭ تەركىبىدە ئوخشاشلا ئىسپىرت بار، قورۇما قورۇغاندا ئاق ھاراقنى خۇرۇچ ھاراق ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا غەيرىي پۇراقنى يوقىتىپ، قورۇمىنى مەززىلىك تەمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئاق ھاراقنى خۇرۇچ ھاراق ئورنىغا دەسسىتىشكە بولامدۇ؟

سۈرەت مەنبەسى: «كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو»

 تيەنجىن پەن- تېخنىكا داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ چۈنلىڭ «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاق ھاراق بىلەن خۇرۇچ ھاراقنىڭ تەركىبى ئوخشاش ئەمەس، تاماقا ئىشلىتىش ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاق ھاراقنى خۇرۇچ ھاراقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەگەر ئۆيدە خۇرۇچ ھاراق بولمىسا، تۆۋەن گىرادۇسلۇق ئاق ھاراقنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن ئىشلىتىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك.

 ۋاڭ چۈنلىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: خۇرۇچ ھاراق بولسا ھاراقنى ئېچىتىپ، ھاراقنى دىستىللەپ ياكى يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت تەركىبىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان تۇز (ئۆسۈملۈك خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىنى قوشۇشقا بولىدۇ) قوشۇپ، تەڭشەپ پىششىقلانغان سۇيۇق تەم تەڭشىگۈچ. ئىسپىرت تەركىبى كۆپىنچە %10 - %15 بولۇپ، قىزدۇرۇش جەريانىدا ئۈنۈملۈك پارلىنىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقىنى يوقىتىش بىلەن بىللە، خۇش پۇراق ماتېرىياللار ۋە تېتىتقۇلارنىڭ خۇش پۇرىقىنى قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇرۇچ ھاراق تەركىبىدىكى بەزى تەركىبلەر گۆشنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، خۇرۇچ ھاراق تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى يەنە يېمەكلىكتىكى قەنت ماددىسى بىلەن بىرىكىپ خۇش پۇراق ماددا ھاسىل قىلىدۇ.

 ئاق ھاراق بولسا بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى دىستىللەنگەن ھاراق بولۇپ، ئىسپىرت تەركىبى ئادەتتە %38 - %60 بولىدۇ، گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىسپىرت تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى، سىڭىشچانلىقى ۋە پارلىنىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئاقسىل ۋە ياغلارنى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق ھاراق تەركىبىدىكى قەنت، ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى خۇرۇچ ھاراققا قارىغاندا تۆۋەن، پۇرىقى ۋە يېڭى تەم تەركىبى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، پۇراقنى ئاشۇرۇش، تەمىنى تەڭشەش ئۈنۈمى خۇرۇچ ھاراققا يەتمەيدۇ. بولۇپمۇ گىرادۇسى يۇقىرى بولغان كۈچلۈك ئاق ھاراقلار تاماق ئېتىشكە ئىشلىتىلسە، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى ئاسانلا «يوشۇرۇپ» قالىدۇ.

 تاماق ئېتىش جەريانىدا، ئەگەر ئاق ھاراقنى خۇرۇچ ھاراقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى بېلىق، گۆشلەردىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدىغان قورۇمىلارغا ئىشلىتىش، ئەڭ ياخشىسى تاماق ئېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قوشۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. (مۇخبىر لى جيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125