كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەت زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
2- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شەننېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئېچىش چەكلىك شىركىتىدە ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2- ئاينىڭ 18- كۈنى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەرگەن مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باغچە رايونىدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، شەرقىي جۇڭغارنى دۆلەت زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي شەندۇڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ يەنكۇاڭ چىنېڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كۆمۈرلۈكنى ئېچىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈردى، كۆمۈركان، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش ۋە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى تۈرىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈركان تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىلغار ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. تىرانسپورت لىنىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى.
شەننېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئېچىش چەكلىك شىركىتىدە، ما شىڭرۇي مەركەزلىك كونترول قىلىش ئۆيىگە كىرىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي جۇڭغارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، كۆمۈردىن ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتى بىلەن ئىستېمالنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىلغار، يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە كارخانىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، غ−ەم- ئەندىشىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ يەردە خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەشكە جەلپ قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، دۇڭفاڭ شىۋاڭ شەرقىي جۇڭغار باغچە رايونىنىڭ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كارخانىنىڭ دىققەتنى ئەۋزەل ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈشى، زورايتىشىنى؛ ھازىرقى بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆمۈركان ۋە كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كارخانىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە شەرقىي جۇڭغاردىكى قىسمەن نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىللىق كەسىپ تەرەققىياتى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ۋاقىت ئېڭى، ئۈنۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ، باغچە رايونىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي بازىلىق، ئاساسىي جەڭ مەيدانىلىق، ئاساسىي موتورلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بايلىق شارائىتى ياخشى، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چوڭ تىپتىكى، ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كۆمۈركان قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر بايلىقىنى تۈجۈپىلىك، كۆلەملىك ئېچىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك. يېتەكچى كەسىپلەرنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى پائال ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، سۈپەت، ئۈنۈم ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئىش ئورنى، ئادەمگىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.