كۈندە بىر رەددىيە | مامۇق چاپان ئىچىگە كالتە يەڭ كىيىم كىيسە تېخىمۇ ئىسسىق بولامدۇ؟
19:57:34 2025-02-20 تىيانشان تورى

 يېقىندا «مامۇق چاپان ئىچىگە كالتە يەڭ كىيىم كىيسە تېخىمۇ ئىسسىق بولىدۇ» دېگەن گەپ توردا كەڭ تارقالدى. بىر قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مۇشۇنداق كىيىپ باققانلىقىنى، ھەقىقەتەن ئىسسىق ھېس قىلغانلىقىنى دېيىشتى. لېكىن بەزىلەر بۇنى «ئادەتتىكى ساۋاتقا زىت يول تۇتقانلىق»، دەپ قاراشتى.

 ئۇنداقتا، بۇ قاراش ئىلمىيمۇ؟ قانداق كىيىنىش ھەم ئىسسىق ھەم قولايلىق؟ پەن- تېخنىكا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

 «مامۇق چاپان ئىچىگە كالتە يەڭ كىيىم كىيسە تېخىمۇ ئىسسىق بولۇشى ناتايىن». سۇجوۋ داشۆ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لۇ يېخۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئادەم بەدىنى سىجىل ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مەنبەسىدۇر، بەدەننىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسى 36 سېلسىيە گىرادۇستىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ. ئەگەر مامۇق چاپان ئىچىگە پەقەت كالتە يەڭ كىيىم كىيگەندە، سوغۇق مۇھىتتا تېرە بىلەن سىرتقى سوغۇق ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭراق بولىدىغان بولغاچقا، ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. كالتە يەڭ كىيىم ئىسسىقلىقنى يېتەرلىك ساقلىيالمىغاچقا، ئىسسىقلىق تېرە يۈزىدىن سىرتقا تېخىمۇ تېز ئۆتۈپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىپ، بەدەن تېخىمۇ سوغۇق ھېس قىلىدۇ.

رەسىم مەنبەسى: «كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو»

 مامۇق چاپاننىڭ ئىسسىقلىق ساقلىشى ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانىنىڭ پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش. ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى ۋاكۇئۇملۇق ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس قەۋەتكە تايىنىپ ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ، مامۇق چاپان تىۋىت بىلەن تىۋىت ئارىسىدىكى تىنچ ھاۋا قەۋىتى ئارقىلىق ئىسسىقلىق ساقلايدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، كالتە يەڭ كىيىم ئۇزۇن يەڭ كىيىمگە ئوخشاش بېغىشقا چىڭ چاپلاشمايدۇ، ھىم تۇرمايدۇ. ھەرىكەت جەريانىدا، سىرتتىكى سوغۇق ھاۋا يەڭ ئۇچى قاتارلىق جايلاردىن مامۇق چاپاننىڭ ئىچىگە كىرىپ، بەدەن ئەتراپىدىكى ئىللىق ھاۋا بىلەن ئالمىشىپ، ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىدۇ.

 بىراق، مامۇق چاپان ئىچىگە كىيىدىغان كىيىم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ. ئەگەر مامۇق چاپان ئىچىگە زىيادە قېلىن كىيىملەرنى كىيگەندە، ئادەم بەدىنى ھەرىكەت قىلغاندا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ۋاقتىدا تارقىلىپ كېتەلمەي، تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەر پارغا ئايلىنىپ كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىپ، ئەكسىچە بەدەن سوغۇق ھېس قىلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125