ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قازاقىستان دۆلەت تۆمۈريول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ساۋرانبايېف بىلەن كۆرۈشتى
20:25:10 2025-02-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە قازاقىستان دۆلەت تۆمۈريول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ساۋرانبايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچىدە قازاقىستان دۆلەت تۆمۈريول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ساۋرانبايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ تۆمۈريول تىرانسپورتى، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 ما شىڭرۇي ساۋرانبايېفنىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئالاقىسى كۆپىيىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىر- بىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تاغ- دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنىلار، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، بىر- بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ھەمراھلار، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى سەپ كۆزنەكلىك ۋە كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى. شىنجاڭ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورتى ۋە قاتناش ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمكارلىق تۈرلىرىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىدار دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى سودا ئەشيا ئوبوروتى سۇپىسى قۇرۇشنى پىلانلاپ، چۆچەك − ئاياگۇز تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ساۋرانبايېف مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، قازاقىستان − جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ئاكتىپ بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مال سودىسى ۋە تىرانسپورت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە يېڭى تەلەپ قويدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

 چېن ۋېيجۈن، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.    

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125