ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
21:27:24 2025-02-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە كۆزىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىغا ئالاقىدار تەلەپلەر ۋە مەركەزنىڭ بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن قاتناش- تىرانسپورت بازىرى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق كۆزىتىش خىزمىتى ۋە 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، روشەن مەيدانى، كۈچلۈك غەيرىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر ئاساسىي فاڭجېن- سىياسەتلىرىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللىشىمىز كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش سىياسىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز، ھاياتىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىجىل، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك. مەسىلە يىپ ئۇچى مەركەزلەشكەن ۋىلايەت، ناھىيە ۋە تارماقلارغا چىڭ قادىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى «ئاغرىق نۇقتا»نى تۈزەش «نىشانى» قىلىپ، تەكرار يۈزبەرگەن، ئۇزاق مەزگىل تۈزەپمۇ تۈگىتىش قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، تىپىك خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈزەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نىشان، تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن قاتناش- تىرانسپورت بازىرى قۇرۇشقا سىڭىپ كىرىشنى تېزلىتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، تاشيول نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، قاتناش- تىرانسپورتنى رايون ھالقىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، شەكىل ھالقىپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇش، ساھە ھالقىپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېرېئولۇق، ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قاتناش- تىرانسپورت بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 يىغىندا مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2025- يىللىق كۆزىتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئىنتىزام چەكلىمىسى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە ئومۇمىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت، «1- باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي كۆزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىلمىي، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، كۆرگەزمە- نامايان قىلىش ۋە سودا سېلىنمىسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125