ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۈركان بىلەن كۆرۈشتى
18:34:22 2025-02-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۈركان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

 ما شىڭرۇي گۈركان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن دۆلىتىڭلار زۇڭتۇڭىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئالاقىسى كۈنسېرى كۆپىيىپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھازىر، بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزگىچە ئېنېرگىيە بايلىقى، قاتناش رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىۋاتىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نۇقتىلىق كۆرگەزمە- يەرمەنكىلەردە ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ئىقتىساد- سودا كوللېكتىپىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقى كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، كۆپ مىقدارلىق سودا ۋە كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا ساھەسى ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇش، ھەمكارلىشىپ تېررورىزمغا زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 گۈركان مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىمۇ تېخىمۇ زور ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەم، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىش، كۆرگەزمە- يەرمەنكە ئىقتىسادى ھەمكارلىقى قاتارلىق خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلاش، دوستانە ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تۈركىيە- جۇڭگو ئىككى تەرەپ پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. تۈركىيە قەتئىي تۈردە تېررورچى كۈچلەرگە قارشى تۇرىدۇ ۋە زەربە بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو شىنجاڭ قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلايدۇ. تۈركىيە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125