ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
18:53:57 2025-02-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

 پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

 جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى سىجىل پۇختىلاپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

 سايباغ رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسىدە، ما شىڭرۇي ئاساسىي باشقۇرۇش- تىزگىنلەش مەركىزىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا سۇپىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ساقچى كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە رېئال ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك نەتىجە يارىتىدىغان، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە ساقچى ئىشلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇپ، خەۋپ- خەتەرنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

2- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا.   ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە، ما شىڭرۇي سېخلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىنلىق كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بازار، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، كارخانىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى پولات ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى دەل جايىدا تەڭشەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پولات ماتېرىياللىرى، ئالاھىدە پولات ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى رايون بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاساسلىق خام ماتېرىيال بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازارلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشكە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تېخنولوگىيە جابدۇقلىرى، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى، ئېنېرگىيە ئۈنۈم سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئۇلنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، قوغداش كېرەك. خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، بايلىق، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىشكە ماھىر بولۇپ، سىجىل تۈردە تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 قادېن كەبىن، پەن شى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125