ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىستېمال جانلانغان مەزگىلدە، ​«ياردەم پۇلى+ پائالىيەت»تىن ئىبارەت قوش ئېتىبار بېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمال قىزغىنلىقىنى قوزغىدى
12:28:14 2025-02-25 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال جانلانغان مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەرلەرنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، «ياردەم پۇلى + پائالىيەت»تىن ئىبارەت قوش قوزغىتىش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىدى.

 2- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ مېيخوۋۋاڭ ئۆي جاھازلىرى پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋۇ شىنۋېي كونا ئۆيىنى بېزەش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراۋاتاتتى.

 ۋۇ شىنۋېي مۇنداق دېدى: «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاچقا، نۇرغۇن ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بوپتۇ، ھېسابلاپ باقسام، بېزەشكە كېتىدىغان خىراجىتىم ئىلگىرىكىدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تېجىلىدىكەن، شۇڭا يېقىندا بېزەشنى باشلاشنى پىلانلاۋاتىمەن».

 شىنجاڭ مېيخوۋۋاڭ ئۆي جاھازلىرى پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن، كونا ئۆيلەرنى بېزەشتىكى فارفۇر، مۇنچا، سىيرىلما ئىشىك، زاكاز قىلىنىدىغان ئىشكاپ قاتارلىق يەككە تۈرلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %15، يەككە مەھسۇلاتلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى 2000 يۈەن بولدى. دۆلەتنىڭ تولۇقلىما سىياسىتى خېرىدارلار ۋە كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزگەچكە، شىركەتنىڭ نەتىجىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20تىن كۆپرەك ئاشتى».

 بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر مەيدانىدىكى خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش سارىيىدا نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھەققىدە مەسلىھەت سوراۋاتاتتى. 1- ئايدا 3C تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، دۇكاندىكى %70 مەھسۇلات دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق 3C تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى %15، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 يۈەن، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېكرانغا بېرىلىدىغان ئېتىبار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20، بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن بولدى.

 ھازىرغىچە ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل كارخانىسى 87گە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسى 30دىن كۆپرەككە، ئۆي بېزەكچىلىكى كارخانىسى 24كە، توكلۇق ۋېلىسىپىت كەسپى بويىچە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى» تەتبىقلىنىدىغان كارخانا يەتتىگە يەتتى. پەقەت 3C تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۈرىدىنلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىستېمالچى دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى. (مۇخبىر مۇ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125