12 خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالغانلار ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ماركىلىق مەھسۇلاتلار ماس قەدەمدە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى
2- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى خۇڭشياڭ ئېلېكتىرون شەھەرچىسىدە، ياردەم پۇلى سېپىدىكى «يېڭى ئەزا» بولغان مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، توك قازان قاتارلىق تۆت خىل مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنى قەدىمىنى توختىتىپ مەسلىھەت سوراشقا جەلپ قىلدى. شۇ كۈنى، مىدۇڭ رايونىنىڭ 2025- يىللىق دۆلەت ياردەم پۇلى سىياسىتى بويىچە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.
2024- يىلىدىكى سىياسەتكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سەككىز تۈردىن 12 تۈرگە كېڭەيتىلدى، قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانىمۇ سەككىزدىن 15كە كۆپەيدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئالتە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، ماس قەدەمدە مەخسۇس ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى.
ئەڭ يېڭى سىياسەتتىكى تەپسىلىي قائىدىگە ئاساسەن، مەلۇم تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان ئىستېمالچىلار 2025- يىلى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، ياردەم پۇلىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي يۈئې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ياردەم پۇلى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىش ئاساسىدا، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتىغا كېڭەيتىلدى، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى 1-، 2- دەرىجە بولغان مەھسۇلاتلارغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا سېتىلىش باھاسىنىڭ %20ى، %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
سىياسەت پايدىسى بازار قۇۋۋىتىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭ جيەندا ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئايدا توك قازان سودىسىدا پۈتۈشۈش مىقدارى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا %133 ئاشقان.
ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونلۇق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ يىڭفاڭ مۇنداق بىلدۈردى: «<نەق مەيداندا بىۋاسىتە ھېس قىلىش + مۇلازىمەت> ئەندىزىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ماس قەدەمدە كارخانىلارغا تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمىز». (مۇخبىر جيا مېڭيەن)