بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق 670 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى
12:34:09 2025-02-25 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 2025- يىلى شىنجاڭنىڭ سودا ساھەسىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى. 2- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە جەمئىي 670 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى.

 مۇخبىرنىڭ 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025- يىلى شىنجاڭنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى (بىلەزۈك)، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەگە چېتىلىدىكەن. ھازىر ئايرىم- ئايرىم ھالدا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدىن ئالتىسى تۈزۈلۈپ، نېمىگە ياردەم پۇلى بېرىش، قانداق بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلغان، ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈش تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈش تېخىمۇ تېز بولغان.

 بۇ يىل ئاپتونوم رايون كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاشتىن باشقا، ئىستېمالچىلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى (بىلەزۈك)، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق ساھەلەردىكى چىقىم ھالقىلىرىدىمۇ باھا چۈشۈرۈش، ياردەم پۇلى بېرىشتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل ئىستېمالچىلار «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتناشقان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، كۆپلىگەن ئىستېمال بۇيۇمىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. مەسىلەن، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، ئىستېمالچىلار ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ھاۋا تەڭشىگۈچكە ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن؛ ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» جەھەتتە، ئىستېمالچىلار ئىشكاپ، سافا، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى، كارىۋات جازىسى، ماتراس، ئۈستەل- ئورۇندۇق، چىراغ قاتارلىق يەتتە خىل تاۋارنى سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ھەربىر ئىستېمالچىغا ھەربىر تۈردىن ئىككى مەھسۇلاتقىلا ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

 2024- يىلى مەلۇم تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان شەخسىي ئىستېمالچىلار 2025- يىلى ئوخشاش تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، ياردەم پۇلىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدىكەن.

 ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي ئېتىبار بېرىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى (بىلەزۈك)نى يېڭىدىن سېتىۋېلىش بۇ يىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىشتىن كېيىنكى نۇقتىلىق ساھە بولغان.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن سېتىلغان يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى (بىلەزۈك)نىڭ سانى 105 مىڭ 300گە يېتىپ، 334 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسەت تەشۋىقاتى، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق كەڭ ئىستېمالچىلارغا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى، مەشغۇلات تەرتىپى ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئېتىبارىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىمىز. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125