باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
2- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 2- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنى بىرلىكتە ئېچىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانداق ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە دېگەننى چوڭقۇر تونۇپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىللىق تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساھە، مەخسۇس تېمىلارغا ئايرىپ تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا، ئادىل، ھەققانىي بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارا ۋە ساھە ھالقىپ كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسپىي مەشىق ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالغۇچىلارغا بايراق روشەن ھالدا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى، كەسىپ ئېھتىياجى يېتەكچى قىلىنغان پەن تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، 10 مىليارد يۈەن ئىختىساسلىقلار فوندىنى ياخشى ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى دەل جايىدا ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، روشەن پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق بولۇشتىن ئىبارەت تۈرتكىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي قاتلام ئاساسىي بازىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. «ئۈچ يېڭى» ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمەت نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك تارماق، جەزمەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، نەمۇنىلىك تارماق ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»تىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلاتنى ئورتاق قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: تەشكىلات خىزمىتىنىڭ زىممىسىدىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە ۋە ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ ۋېنشېڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ تەشكىلات خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى، ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.