ما شىڭرۇي شىنجاڭ بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
20:30:25 2025-02-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

2- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنى بىرلىكتە ئېچىشى بولۇپ، بىرىكمە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، بىرلىك سەپ خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشتىكى قۇدرەتلىك ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

  ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مۇھىم ئىدىيە «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق بىرلىك سەپ نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي شىنجاڭ بىرلىك سەپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىر بىرلىك سەپ خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىللىق بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تۇتقا قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى ساھەسىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، شىنجاڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىك جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتلام، تۈرلەر بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل زاتلار، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىل زاتلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار قاتارلىق توپلارغا بولغان ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق- تەربىيەنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، دىن خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق دىنغا تەسىر كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەتنى نامايان قىلىش كېرەك. بىرلىك سەپنىڭ قۇدرەتلىك ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتى كۈچىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، ياخشى تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى بىلەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ تارماقلىرى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە بىرلىك سەپنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتىكى مول نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئىسلاھات روھى ئارقىلىق بىرلىك سەپ خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ۋە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي لى جېنگو ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىك، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مەملىكەت سىرتى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125