ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
21:18:35 2025-02-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشنى چۆرىدەپ، قورغاس ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىش− يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇقەررەر يول، شۇنداقلا بىزنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكنى بەرپا قىلىشىمىز، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا يۈكلىگەن ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشنى كۆزلەپ، تېخىمۇ ئوچۇق تەپەككۇر ۋە نەزەر دائىرە ئارقىلىق، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ساقلىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي قورغاس ياڭبەنشى خەلقئارا قىممەت مېتال كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ ئالتۇن پىششىقلاش ۋە مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالتۇن سودىسى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، قورغاس ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى جەلپ قىلىش، ماكانلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، توپلىنىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي ئالتۇن پىششىقلاش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالتۇن كان قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالتۇن پىششىقلاش، ئالتۇن سودىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي قورغاس شەھىرىنىڭ تىجارەتلىك مۇلازىمەت كەسپى باش ئىشتابىنىڭ ئىقتىساد بىناسىدا، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملاردىن كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىش، كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ما شىڭرۇي قورغاس شەھىرىنىڭ تىجارەتلىك مۇلازىمەت كەسپى باش ئىشتابىنىڭ ئىقتىساد بىناسىغا كىرىپ، ئالاقىدار مەسئۇللاردىن كارخانىنىڭ ماكانلىشىشى، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇلارنى سۇپىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسەت، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ كۆلىمىنى سىجىل زورايتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، ما شىڭرۇي تاموژنا يولۇچى ۋە يۈك- تاق تەكشۈرۈش زالىغا كىرىپ، يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتۈش مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە گوليەن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قورغاس رەقەملىك ئىقتىساد باش ئىشتابىغا كىرىپ، سانائەت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ سۇپىنىڭ تىجارەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئارىلىق مەھسۇلات سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ تاشقى سودا يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

 غۇلجا شەھىرىدە، ما شىڭرۇي جۇڭگو پىڭمېي شېنما پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات بازىسىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال سىڭىشىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي يەنە ئىلى يىسېن ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىلى 100 مىڭ توننىلىق ئىنچىكە ئېچىتىلغان پىۋا، مېۋە شەربىتى پىششىقلاش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

 غۇلجا شەھىرى شەرقىي شىنخۇا يولى ساقچىخانىسىدا، ما شىڭرۇي يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش ۋە ساقچى كۈچلىرىنى سەرخىل تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ساقچىخانىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك تۈگىتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي يەنە ئىلى كونا شەھەر رايونىنىڭ ئالاقىدار ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، جۇڭگو ئۇسلۇبى، مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى، تارىخىي قىياپەت قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى؛ غۇلجا شەھىرىدىكى خۇامېي شېڭدى مېھمانسارىيى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرگە بىخەتەرلىك سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى تاپىلىدى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ چىڭ داۋلىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي تەتقىق قىلىپ، تولۇق تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈپ، تاشقى ھەمكارلىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە شارائىتىغا زىچ تايىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يېڭى قۇۋۋىتىنى قوزغىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، سېلىنمىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇقىملىققا ئالاقىدار زور خەۋپ- خەتەردىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ، تىرىشىپ يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك.

 ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125