ئەتىرگۈل تېمىدىن مۇھەببەت كوچىسىغىچە، بۇ «ۋاڭخۇڭ ئېففېكتى»نى قوغلىشىشمۇ ياكى «چوڭقۇر قاتلامدىن داۋالاپ ساقايتىشمۇ»؟
16:39:43 2025-02-27 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇرباغ يولىدىكى مۇزغا قاتۇرۇلغان ئەتىرگۈللەر بىلەن زىننەتلىنىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈش نۇقتىسىغا ئايلانغان تام كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايدۇ؛ بالوۋ باش تېمىسىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتى مەدەنىيەت- ساياھەت نۇقتىسىغا قەدەم قويغان كىشىلەر كونا ئەسلىمىلەر قاينىمىغا چۆكۈپ، خۇددى ئاشۇ ۋاقىتلارغا قايتىپ قالغاندەك ھېس- تۇيغۇدا بولىدۇ؛ مىڭدې يولىدىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قاپارتما تام ۋە ھەيكەللەر سۆزلىيەلەيدىغان تارىخىي كىتابقا ئوخشايدۇ؛ نۇرباغ غەربىي يولىنىڭ بويىدىكى دەرەخلەرگە كىيدۈرۈلگەن رەڭگارەڭ «پوپايكا»لار چۆچەك بىلەن رېئاللىق ئۆزئارا گىرەلەشكەن مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ئۇلاردىن باشقا يەنە، شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدىكى «يۈرەك»لەر ۋە قولدا ياسالغان ئەتىرگۈللەر بىلەن بېزىلىپ، «مۇھەببەت كوچىسى» دەپ رومانتىك نام بىلەن ئاتالغان نەنخۇ شەرقىي يولى شىمالىي 6- كوچىسى...

 يېقىنقى مەزگىلدە بۇ ۋاڭخۇڭ يوقلىما نۇقتىلىرى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشتى؟ چۈنكى، ئۇلارغا شەھەرلىكلەرنىڭ ھېسسىيات ئېھتىياجى ۋە ئېستېتىك قىزىقىشى مۇجەسسەملىنىپ، «كەيپىيات قىممىتى» تۇتقىلى بولىدىغان بوشلۇق تىلىغا ئايلاندۇرۇلغان.

 مۇزغا قاتۇرۇلغان ئەتىرگۈل تېمى ئارقىلىق رومانتىك ئامىل بىلەن شەھەر بوشلۇقى ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ، قەھرىتان قىشتا ئۆزگىچە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل ھېسسىياتقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرغان؛ بالوۋ باش تېمىسىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتى مەدەنىيەت- ساياھەت نۇقتىسى كىشىلەرنىڭ ئۆتكەن يىللارغا بولغان سېغىنىشىنى قوزغاپ، شەھەر خاتىرىسىگە يەنە بىر ئەمەلىي كۆرۈنۈش قوشقان؛ مۇھەببەت باش تېما قىلىنغان «مۇھەببەت كوچىسى»دا كىشىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى كۈچلۈك غىدىقلايدىغان ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرىلەر بەرپا قىلىنىپ، كوچىنىڭ «قىل قان تومۇر»لىرىغىچە جانلاندۇرۇلغان. بۇ يوقلىما نۇقتىلىرى ئاددىي مەنزىرە نۇقتىلىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆڭۈللەرنىڭ ئارامگاھىغا، ھېكايىلەرنىڭ يۈكلىمىسىگە ئايلىنىپ، ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق كىشىلەردە ھېسسىيات باغلىنىشى ھاسىل قىلىپ، ئېغىزدىن- ئېغىزغا تارقالغان.

 ئېقىم مىقدارى تەدرىجىي ئازايغاندا، بىز: بۇ «كىچىك ھەم گۈزەل» ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق شەھەرنى يېڭىلاشنىڭ ئاساسىي لوگىكىسىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشقا بولامدۇ- يوق؟ دېگەن سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇ ۋاڭخۇڭ يوقلىما نۇقتىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك «تورغا چىقىشى»دىن بىز شەھەرنىڭ «مىكرو يېڭىلىنىشى» ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئېنېرگىيەنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇ خىل ئۆزگىرىش يىڭنە سانجىپ ۋە داغلاپ داۋالاشقا ئوخشايدۇ. ئۇ، ئۆرۈپ تاشلاپ قايتا قۇرۇش، يېڭىباشتىن تۇتۇش قىلىش بولماستىن، بەلكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەدبىر قوللىنىشتۇر.

 ئەنئەنىۋى كەڭ كۆلەملىك شەھەر يېڭىلاش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، «مىكرو يېڭىلاش» «ھارارەتلىك شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىش يېڭى ئەندىزىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى «مىكرو يېڭىلاش» ئارقىلىق شەھەرنى ئۆزگەرتىشتە ئادەمنىڭ تەسىراتى ۋە ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، شۇنداقلا شەھەر بوشلۇقىنىڭ جانلىقلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ كۆلىمى كىچىك بولۇش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدە بولۇش، تۈجۈپىلەشكەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا شەھەر خاسلىقىنى يارىتىش، شەھەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ئويغىتىش، شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانماقتا. مەسىلەن: بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كوچا بويىدا سېتىلىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر، ئۆگزىدە دانلاۋاتقان قۇشلار، ئىشىك ئالدىمىزدىكى گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى، سۇناي ئاۋازى، مانا بۇلارغا ئوخشاش يەككە ئەسلىمە كارتىنىلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم قىلىنىشى شەھەرنىڭ تارىخىدۇر.

 دەل شۇنداق بولغاچقا بىر شەھەرنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتى شۇ شەھەردىكى ھەربىر كىچىك يەككە ئىگىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە پۈتكۈل شەھەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، رىقابەت كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق شەھەر قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن ئومۇمىي ئورۇن بېكىتمىسى، شۇنداقلا مەۋقە ئىلمىيلىككە قويۇلغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.

  شەھەر ئاھالىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ قولايلىق ياكى ئەمەسلىكى، قاتناشنىڭ راۋان ياكى ئەمەسلىكى، مۇھىتنىڭ پاكىز ياكى ئەمەسلىكى، ئامانلىق باشقۇرۇشنىڭ تەرتىپلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھەمدە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى زامانىۋى، مەدەنىي، ئازادە، راھەت بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش قاتارلىقلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىر تۈركۈم خاس كوچا رايونى ۋە سەيلە باغچىسى، يېشىللىقنى پىلانلىق، مەقسەتلىك بەرپا قىلىش، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، قىياپىتىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى ساقلاش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش گۈزەل مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىچكى- تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەشكە، ئادەم بىلەن شەھەرنىڭ ئىناق، سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ ئازادە قىلىدۇ.

 «مىكرو يېڭىلىنىش»تا «كىچىك بۆسۈش ئېغىزى»نى قوغلىشىش يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپنىڭ سىجىل يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش ئىقتىدارىنىمۇ سىنايدۇ. توردا ئالقىشلانغان يوقلىما نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشتا كۆپ ھاللاردا ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشى چوڭقۇر چۈشىنىش ئاساسى قىلىنغان، پىلانلاشتىن تارتىپ كونكرېت يولغا قويۇشقىچە ھەممىسىگە ئامما قاتنىشىدۇ. خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسى شەھەرنى يېڭىلاشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قاتناشتۇرۇلغاندىلا، يېڭىلانغان تۈرلەرنىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۈمىدىگە ھەقىقىي ئۇيغۇن كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، شەھەرنى يېڭىلاشتا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىشنى نۇقتىغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «مىكرو يېڭىلاش» لايىھەسىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك قاتنىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان شەھەرنى يېڭىلاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن: كونا كوچا رايونىنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئارقىلىق ساياھەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىشتا، ئاچقۇچ قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ۋە تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىشتا؛ تاشلاندۇق زاۋۇت ئۆيلىرى، كونا ئىمارەتلەرنىمۇ كەلگۈسىدىكى «سودا سەنئەت بوشلۇقى»غا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنى، تىككۈچىلىك دۇكىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق «كىچىك رېمونت قىلىش، كىچىك ئوڭشاش» كەسىپ ھالەتلىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بۇ كىچىك دۇكانلار ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىدۇر.

 «ۋاڭخۇڭ ئېففېكتى»دىن چوڭقۇر قاتلامدىن تۈزەشكىچە، مۇزغا قاتۇرۇلغان ئەتىرگۈل تېمى، مۇھەببەت كوچىسى توردا ئارقا- ئارقىدىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، قار پەسلىدىكى شەھەرگە رەڭدارلىق بېغىشلاپلا قالماي، شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئادەتلەنگەن تەپەككۇرنى تېخىمۇ تۈگىتىشكە تۈرتكە بولدى. شەھەرنى يېڭىلاشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، «ئىش قىلالايدىغان» روھىي ھالەت ۋە تەپەككۇرنى كۆپرەك گەۋدىلەندۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى تەكشۈرۈش ۋە شەھەر يېڭىلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كەسىپ بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. بىز «مىكرو يېڭىلاش»نىڭ يەككە ھالدىكى ئېستېتىك بېزەش بولۇپ قالماسلىقىنى، بەلكى سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق شەھەرنىڭ فۇنكسىيە تورى توقۇپ چىقىلىشىنى، تەۋەلىك رايونلار ئارىسىدىكى ھەرقايسى «مىكرو يېڭىلاش» تۈرلىرى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈشىنى، خاس، ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر بوشلۇقىنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (ۋاڭ يۈەنيۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125