ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
23:42:36 2025-02-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

  مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىرلىك سەپ ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرىنىڭ خىزمەتتىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنى كۆرۈپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى، ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىرلىك سەپ ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى، ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى ۋە ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ۋە خىزمەت جەھەتتىن ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك قاپلىشىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تۆكۈلگەن بىر تال يوپۇرماقتىن كۈزنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتەك سەزگۈرلۈك ۋە نېپىز مۇز ئۈستىدە مېڭىشتەك ئېھتىياتچانلىقنى ساقلاپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، تور ۋە تور سىرتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى دەل جايىدا، ئىنچىكە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تىرىشىپ تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈرلۈك، كان، يول قاتنىشى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى خەۋپ- خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.

 يىغىندا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۆگىنىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مەملىكەت سىرتىدىكىلەرگە بولغان بىرلىك سەپ خىزمىتىنى چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ، بىر ئىشنى قىلسا، شۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى. سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىدىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى، يېزا- كەنتلەردە خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125