پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ھۆججەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى، تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە 2025- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئىسلاھات سىناق نۇقتىلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئومۇمىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق مۇلازىمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھوقۇق- مەسئۇلىيىتى ئېنىق، باشقۇرۇشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قاپلىنىشى تولۇق بولغان ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيەگۇرۇپپا)لىرى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېز ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دادىللىق بىلەن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇر، تۇراقلىشىپ قالغان ئەندىزە، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئىسلاھ قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھ قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.