شىن شىجيەن
بىر چاغلاردا «توز شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇش» شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ياشنىڭ تاللىشى ئىدى، ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۇنبەت تۇپراقتا «توغراقتەك يىلتىز تارتىش»تىن ئىبارەت تەسىرلىك مەنزىرە بارلىققا كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شىنجاڭدا قېلىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ چەكسىز بوشلۇققا ئىگە بولغان ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرە بولۇپ، ياش دوستلارنىڭ ياشلىق قەلىمى ئارقىلىق تەسۋىرلەشنى كۈتمەكتە.
ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىدىكى شىنجاڭ ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەردە چەت، ئارقىدا قالغان دېگەندەك تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ جاي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغان ساياھەت قىلىشتىكى داڭلىق جاي بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى بىپايان تۇپراق. ئەۋلادمۇئەۋلاد شىنجاڭلىقلار ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، بۇ تۇپراقنى «ئېغىر سانائەت دېمەك ئات تاقىلاش دېمەكتۇر» دەيدىغان دەۋر بىلەن بۇرۇنلا خوشلاشتۇردى. ئىلگىرى كوچا كىچىك زاۋۇتى بولغان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ھازىر دۇنيا ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ قالدى. تىيانشان ئېتىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش داۋامىدا، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى دېڭىز- ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتتى.
نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ قارىساق، شىنجاڭ سەككىز دۆلەتكە قوشنا بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالتۇن يولى. بۇ جايدا، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «رەقەملىك يىپەك يولى»دا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، تۈمەنلىگەن قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئىلگىرى «چەت- يىراق» بۇ تۇپراقتا ھازىر چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى جۇش ئۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە مەردانە قەدەم تاشلانماقتا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشنىڭ دەل پەيتى كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز نۆۋەتتە يەنىلا رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنى سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى چوڭ پەرق بار، بۇ خىل پەرقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ غەربىي قىسىمغا بېرىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. غەربىي قىسىمنىڭ ئاقىللارغا تەشنا بولۇشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، شەرقىي قىسىمدىكى چوڭ شەھەرلەردە نوپۇس كۆپ، رىقابەت كەسكىن بولغاچقا، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى كۈندىن- كۈنگە ئاشماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر، بولۇپمۇ يېزا- كەنت ئاساسىي قاتلاملىرى ياشلار ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كەڭ سەھنە بولۇپ قالماقتا.
قىستاڭچىلىققا تولغان چوڭ شەھەرلەردە رىقابەتلىشىش، گاڭگىراش ئىچىدە يۈرگەندىن، بىپايان غەربىي قىسىمغا بېرىپ قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرغان ياخشى. دۇنيا بويىچە تۇنجى قاراردا 1000 دوكتور قوبۇل قىلىشتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى مائاش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشىغىچە، يەنە قورغاس شەھىرىنىڭ «ئىختىساسلىقلار ئۆتۈشمە يېرى» بويىچە يېتەكلەش، يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە... شىنجاڭ ئەزەلدىن ئىختىساسلىقلارغا بۈگۈنكىدەك بۇنداق تەشنا بولۇپ باقمىغان، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارنى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك بۇنداق ياخشى تەمىناتقا ئىگە قىلىپ باقمىغان. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق ئاللىقاچان جۇغراپىيەلىك مەنىدىكى چەت- يىراق جاي ئەمەس، بەلكى دەۋر كوردىنات سىستېمىسىدىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىككە تولغان پۇرسەت ماكانى، شۇنداقلا ياشلىق باھارنى ئارمانسىز ئۆتكۈزىدىغان، كىشىلىك ھاياتنى نۇرلاندۇرىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي.
ئاكادېمىك ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭدا بىر ئۆمۈر ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، قوغۇننىڭ خۇش ھىدىنى ھەممە جايغا تاراتتى؛ بىڭتۇەن 8- شى زىنىچۈەن نەسىللىك قوي فېرمىسىدا ئىش باشلىغان ئاكادېمىك ليۇ شوۋرېن يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىنچىكە قوي يۇڭىنى ئۇزاقتىن بۇيان ئىمپورت قىلىشقا تايىنىش تارىخىغا خاتىمە بەردى... دەۋرنىڭ ئۇلۇغۋار بايانىدا، ياشلىق باشتىن- ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە سەھىپە بولۇپ كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، «ئاسىيا مەركىزى شەھىرى» ئۈرۈمچى خەلقئارا تۈگۈن شەھىرى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، «نېفىت يېڭى شەھىرى» قاراماي ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» قەشقەر قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلماقتا... تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالى تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئەقىل- پاراسەت ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارى ئۈچۈن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى، شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشۇشىنى كۈتمەكتە.