ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 2025- يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
23:12:11 2025-03-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

 مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى (مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى) ئىقتىساد 9- ئىدارىسىنىڭ 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى لو دەن كونسۇلتاتسىيە دەرسى ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى، نۇقتىلىق مەزمۇنى، ۋەزىپە- تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق چۈشەندۈردى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز ئۇدا ئېلان قىلغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئون ئۈچىنچى 1- نومۇرلۇق ھۆججەت. ھۆججەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانى چىڭ كۆزلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى سىسىتېملىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك سىگنال تارقىتىلدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىدىغان بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يۈكلىگەن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، قىلچە بوشاشماي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىل تىرىشىپ ئاشلىق ھوسۇلىنى يەنە 1 مىليارد جىڭدىن ئارتۇق ئاشۇرۇش كېرەك. پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات كەسپىنى كۈچەيتىش، خاس چارۋىچىلىق كەسپىنى زورايتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، يار- يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «مىڭ- تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلار ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئۇل قۇرۇلۇشلارنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش ۋە يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېزا- كەنت جەمئىيىتى ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا، تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامىل كاپالىتى ۋە سەرخىل تەقسىملەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا بايلىقى ۋە مۈلكىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، يېزا- كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمانچىلىق، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تەمىنات- سودا كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يېزا خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ھەقىقىي تۈردە دېھقانلار ئاممىسىنى ھېس قىلىش، مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. بىڭتۇەن ئورگىنىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار سىنلىق قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125