سودا سۈيى ئىچسە سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ... بۇ راستمۇ؟
17:43:00 2025-03-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بازاردا سېتىلىۋاتقان سودا سۈيى ناترىي ھىدروكاربوناتنى سۇدا ئېرىتىش ئارقىلىق ياسالغان. سودا سۈيى ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سۈيدۈكنى ئىشقارلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېمەك، سۈيدۈك كىسلاتاسىنى يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش رولى بار، لېكىن ئۈنۈمى ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ.

 سودا سۈيى تەركىبىدە ناترىي تۇزى بار، ئۇزاق مۇددەت زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش يۇقىرى قان بېسىمى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. قىسمەن سودا سۈيى تەركىبىدە شېكەر ياكى سەپلىمە شېكەر بولۇپ، سودا سۈيىنى زىيادە كۆپ ئىچىش ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلىنى داۋالاشتا سودا سۈيىگە قارىغۇلارچە تايىنىۋېلىشنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى چەكلىك بولۇپلا قالماي، يەنە سالامەتلىككە زىيان يېتىشى مۇمكىن.
  ئۇنداق بولسا، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا دورا يېيىش كېرەكمۇ؟
  نۆۋەتتە، ئادەتتە يەللىك بوغۇم ياللۇغى قايتا- قايتا قوزغىلىدىغان ياكى سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغان، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بار، سۈيدۈك كىسلاتاسى خاراكتېرلىك بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئاغرىقلار داۋالىنىپ سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك، دەپ قارىلىدۇ.
  نوقۇل ھالدا قان سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلىگەن ھەمدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئاغرىقلارنىڭ ئالدى بىلەن تۇرمۇش شەكلىنى تەڭشەش ئارقىلىق سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش، ئىسپىرت ۋە پۇرىن، مېۋە شېكىرىدىن ئۆزىنى تارتىش، سۇنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلار.
  ئەگەر ئاغرىقلاردا بىرلەشمە كېسەللىك (مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى، ياغ مېتابولىزمى نورمالسىزلىقى، دىيابېت، سېمىزلىك، سەكتە، يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار) بولسا، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش سەۋەبىنى پائال ئىزدەپ تېپىش كېرەك، مەسىلەن، سېمىزلىك، ھاراق ئىچىش، قىسمەن سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرىقى بىرلەشمە كېسەللىكلەرنى پائال تىزگىنلەشنىڭ سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ ياردىمى بار.
مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125