بۇ ئىككى كۈندە، توردا شىنجاڭ سادالىرى بەكمۇ يېقىملىق ئاڭلاندى!
بىر تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار «ناڭيەنۋېن» يۇمۇرىستىك ئىجادىيەتكە چۆكۈپ قىزغىن كىرىشىپ كەتتى؛ بىر تەرەپتىن شىنجاڭلىق قىزچاق ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلەپ چەت ئەللىك مېھمانلارغا «جۇڭگو شىنجاڭ»نى تونۇشتۇردى، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مەردانە سۆزلىدى. ئوخشاشلا شىنجاڭدىن كەلگەن سادالار مەيلى يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق بولسۇن ياكى ساپ، قەتئىي بولسۇن، ھەممىسى رەڭدار شىنجاڭنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى.
بۈگۈنكى شىنجاڭ ساداسىغا قۇلاق سالغىنىمىزدا، ئاڭلايدىغىنىمىز پاختىلارنىڭ قۇياش نۇرىدا ئېچىلغان ئاۋازى بولۇشى، شۇنداقلا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى بولۇشى مۇمكىن؛ بازارلاردىكى قىزغىن خېرىدار چاقىرىش ئاۋازى بولۇشى، شۇنداقلا چېگرا پورتلىرىدىكى قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئاۋازلار بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ يېقىملىق ئاۋازى توردا ئارقا- ئارقىدىن قىزغىن دولقۇن قوزغىدى، بۇنى ئويلىمىغان يەردىن چىققان «غايەت زور ئېقىم مىقدارى» دېگەندىن كۆرە، ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئېچىلىپ- يېيىلىپ سۆزلىشى، رەڭگارەڭ جەلپكارلىقىنى تارقىتىشى دېگەن تۈزۈك.
«بىپايان قۇملۇقتا تۇردىن قويۇق ئىس- تۈتەك تىك كۆتۈرۈلگەن، كەڭ دەريا ساھىلىدا كەچكى قۇياش شۇنچە يۇمىلاق كۆرۈنىدىغان» بۇ مېھىرلىك تۇپراق شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇشخۇي، ئوچۇق- يورۇق، يۇمۇرىستىك، ئۈمىدۋار خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى قىزغىنلىق، ئوچۇق- يورۇقلۇق ئاساسىغا ئىگە قىلدى. شىنجاڭغا دائىر گەپ- سۆزنى «ئاڭلاش»تىن شىنجاڭنىڭ «سۆزى»نى «ئاڭلاش»قىچە بولغان بۇ ئۆزگىرىش جەريانى شىنجاڭنىڭ سىغدۇرۇشچان، ئېچىۋېتىلگەن زامانىۋى قىياپىتىنى جانلىق ئىزاھلىدى.
توردا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان شىنجاڭ قىزىق نۇقتىلىرىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما جانلىق، شوخ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قانداق قىلىپ ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىككە پائال قۇچاق ئاچقانلىقىنى، قانداق قىلىپ دەۋر دولقۇنىدا دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان شىنجاڭ ساداسىدا يەنە قانچىلىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇشاللىقلار بار، بىز مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كۈتىمىز!
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)