شىنجاڭدىكى مەززىلىك تائاملارغا ئىشلىتىلىدىغان تېتىتقۇلار ئىچىدىكى ئەڭ «چىقىشقاق» تېتىتقۇ − زىرە
12:43:25 2025-03-06 تىيانشان تورى

 شىنجاڭدا زىرە يېيىشنىڭ يۈزگە يېقىن ئۇسۇلى بار، قوي گۆشى كاۋىپى، قوي قوۋۇرغىسى كاۋىپى، گۆش نان ... زىرىنى شىنجاڭدىكى مەززىلىك تائاملارغا ئىشلىتىلىدىغان تېتىتقۇلار ئىچىدىكى «چىقىشقاق» تېتىتقۇ دېسەك، بەلكىم ھەممە كىشى توغرا دەپ قارىشى مۇمكىن.

 گەرچە شىنجاڭدا ھەر خىل مەززىلىك تائاملار بار، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر خىل تەملەر تېپىلسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپىنچە ئېسىمىزگە زىرىنىڭ خۇش ھىدى كېلىدۇ، بىر چىمدىم زىرە كالا- قوي گۆشىگە ئۆزگىچە تەم قوشىدۇ.

 ئۇنداقتا شىنجاڭلىقلار زادى زىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟ بۇنىڭغا يەكۈن چىقىرىش تەس، لېكىن زىرە بولمىسا، ھامان بىر نەرسە كەمدەك تۇيۇلىدۇ.

 زىرە مۇھىم يېمەكلىك تېتىتقۇسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل دورا ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە ئاشقازاننىڭ سوغۇقى ئېشىپ قورساق ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ھەمدە يەنجى ئويمانلىقى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

 زىرىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىتقاندا تېخىمۇ بەك خۇش پۇراق چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە گۆشتىكى ھەر خىل پۇراقلارنى يوقىتىپ، ئۇنى تېخىمۇ مەززىلىك قىلىدۇ.

 تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، زىرە يىپەك يولىنى بويلاپ خۇاشيا زېمىنىغا كىرىپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭدا ماكانلاشقان، ئاندىن يەنە گەنسۇدىن ئۆتۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئاستا- ئاستا تارقالغان.

 نۇرغۇن كىشى زىرە بىلەن ئارپابەدىياننى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا يەنىلا روشەن پەرقى بار.

 زىرىنىڭ رەڭگى سېرىققا مايىل، شەكلى تۈز بولۇپ، ئازراق ئاچچىق پۇرايدۇ؛ ئارپابەدىيان سۇس يېشىل رەڭگە مايىل ، شەكلى سەل ئەگرى بولۇپ، خۇشپۇراق.

 زىرە يېيىش توغرىسىدا توختالغاندا ئالدى بىلەن شىنجاڭغا قاراش كېرەك.

 شىنجاڭلىقلار زىرە يېيىشكە زادى قانچىلىك ئۇستا؟ ئەمەلىيەتتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەر بىر چوڭ- كىچىك كوچىدىن زىرە پۇرىقى تارقىلىپ تۇرىدۇ.

 شىنجاڭدا خالىغان بىر ئاشخانىنى تاللاپ، شىنجاڭ قورۇمىسىدىن نەچچىنى شۇنداقلا بۇيرۇتسىڭىز، %100 زىرە تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ.

 مەيلى قوي گۆشى، گۆش نان يېيىشتە ياكى قورۇما قورۇشتا بولسۇن، تەم قوشىدىغان بىر چىمدىم زىرىنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلغان ھامان كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.

 نەق مەيداندا كاۋاپ قىلىپ يەيدىغان قوي قوۋۇرغىسى كاۋىپى، بۆرەك كاۋاپ، جىگەر كاۋاپ، يەنە قىزىرىپ پىشىدىغان قوي گۆشى تونۇر كاۋىپى بار. تەكشى سېپىلگەن زىرە ۋە لازا كاۋاپقا تەم ۋە تۈس قوشۇپ، ھەر قېتىم كاۋاپقا ئېغىز تەگگەندە خۇش پۇرىقى ۋە تەمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

 گۆشنان بىلەن سامسىنىڭ قىيمىسىغا زىرە ھەممىدىن بەك ماس كەلگەن بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزارتىپ پىشۇرغاندا مەززىلىك پۇرىقى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، تەمى ئېغىزدىلا قالماي، مەززىلىك پۇرىقى ئۇزاققىچە تارقالمايدۇ.

 شىنجاڭلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىرە ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغىچە ھەمراھ بولغان بىر خىل تەم. ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلسا، خۇددى كالا، قوي گۆشى تەمىنى يوقاتقاندەك، كاۋاپنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ۋە ئۇن تاماقنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

 ئۆيىگە قايتىپ كەلسە، ئاندىن بۇ تونۇش پۇراقنى قايتا تېپىۋالغاندەك كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125