كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيى 5- ئايدا ئېچىلىدۇ
17:26:32 2025-03-07 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي) 3- ئاينىڭ 3- كۈنى، مۇخبىرنىڭ كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ بىر يىل داۋاملاشقان قۇرۇلۇش خىزمىتى نۆۋەتتە كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن، ھازىر مۇزېينىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئىچىنى بېزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 5- ئاينىڭ بېشىدا مۇزېينى رەسمىي ئېچىش پىلانلانغان.

كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى. سۈرەتنى كۈسەن مۇزېيى تەمىنلىگەن

 بۇ مۇزېي كۇچا شەھىرىنىڭ دوستلۇق يولىغا جايلاشقان بولۇپ، كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىسى مۇزېيى بىلەن قوشنا. دۆلەت ئىچىدىكى كۈسەن مەدەنىيىتى يادرو قىلىنغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال مۇزېي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 16 مىڭ 201 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئاساسىي قۇرۇلۇش جەمئىي ئۈچ قەۋەت، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۈسەن تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمە زالى، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە زالى، كۈسەن بۇددا دىنى مەدەنىيەت- سەنئەت مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە زالى ھەم ئىككى ۋاقىتلىق كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنغان.  

يېقىندا، كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيى كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت باسقۇچىغا كىردى. سۈرەتنى كۈسەن مۇزېيى تەمىنلىگەن

 كۇچا قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشنى ساقلىغان بولۇپ، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتتىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت تۈگۈنى بولغان. ئۇنىڭ كۆپ خىللىق ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت مىراسلىرى قەدىمكى دەۋردىكى جۇڭخۇا سەنئىتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي، غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا تۇتاشقان، مەنىۋى جەھەتتە ئۆزئارا باغلانغان تارىخىي تومۇرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلاپ بەردى.

كۇچا شەھىرى كۈسەن مۇزېيىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى. سۈرەتنى كۈسەن مۇزېيى تەمىنلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125