شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى
21:25:58 2025-03-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 3- ئاينىڭ 9- كۈنى، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سىرتتىن قاتناشتى.

 ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى لى چېڭلىن ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

 ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: قارار لايىھەسى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: دوكلاتتا بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپتۇ، ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە، ھەم ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى، تۈرلۈك خىزمەتلەر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

 ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: قارار لايىھەسى ۋە «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. «ئىككى ئالىي مەھكىمە» تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيىدا بارلىققا كېلىش، خەلق قۇرۇلتىيىغا مەسئۇل بولۇش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. بىر يىلدىن بۇيان، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكى، ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى ئورتاق قوغدىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى مەھكىمە» بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ.

 ۋەكىل دىلشات سايىم مۇنداق دېدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن جانلىق مىساللار، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ھەم تىپىك تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئۆتكەن بىر يىلدىكى «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمەت نەتىجىلىرى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوغداشتىكى ھەرىكەت كۈچى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. خەلق سوت مەھكىمىسى جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشتىن ئىبارەت خىزمەت باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 ۋەكىل گاۋ جىمىڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قانۇنچىللىق روھى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، خەلقچىل ھېسسىيات يۇغۇرۇلۇپ، «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈلۈپتۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە نۇقتىلىق يار- يۆلەك بولدى. بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى تۇتقا قىلىپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

 ئابدىمەمەت ئوبۇل، ئەكرەم مەمتىمىن، زەينۇرە تالغات، مىن شياۋچىڭ، پاڭ زىجيەن، قانىمبۈ ئايسا، لى لەن، جۈرئەت قۇربان، دۆلەتمەن كەمىك، ھاجىئەكبەر ئەيسا، ئۆمەرجان قۇربان، نۇربىيە سىيىت قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دوكلاتقا قاراپ چىقىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە پائال نەتىجە يارىتىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، بۇ ئىككى دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيمىز. كۆپچىلىك دوكلاتتىكى يارقىن نۇقتا، يېڭى ئاتالغۇ، تىپىك دېلولارنى تولۇق مۇزاكىرە قىلدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا بولغان يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ لايىھەنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، شى گاڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125