بىر باغلام بۇغداي باشىقىنىڭ ئىشەنچ ئاساسى
10:48:23 2025-03-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بىر باغلام بۇغداي باشىقىنىڭ ئىشەنچ ئاساسى

 ئېتىزلىقتا بىر باغلام بۇغداي باشىقىنى كۆرۈش ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، ئەگەر ئۇ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن نەق مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنسە، چوقۇم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىدا، ئەزا ۋاڭ ۋېي تىيانشان ئېتىكىدە ئۆستۈرۈلگەن بىر باغلام بۇغداي باشىقىنى ئېلىپ كېلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىر تورداش: بۇ ئۆز قولىدا ئىگىلىگەن ئىشەنچ، دەپ سۆز قالدۇردى. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا، ئۇنداقتا بۇ بىر باغلام بۇغداي باشىقىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بېرىشقا ئەرزىگۈدەك قانداق ئىشەنچ ئاساسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بار؟

 ئۇنىڭ ئۇرۇقلۇقى «شىنچۇن 37- نومۇر» شىنجاڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئاچقان، يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي سورتى. ئۇرۇقلۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى»، دېمەك ئەزانىڭ قولىدىكى بۇغدايغا ئۇرۇقلۇق «ئۆزىكى» قاچىلانغان، بۇغداي باشىقىنىڭ ئىشەنچ ئاساسى دەل مۇشۇ يەردە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ بىر باغلام بۇغداي باشىقى مۇنبەت ئېتىز، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنىلىرى، ياخشى تۈزۈمنىڭ «خىمىيەلىك رېئاكسىيە»سىگە سىڭىشىپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن «مول مېۋە».

 بۇ سورت ئىلگىرى مو بېشى ھوسۇلى 708.5 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن 11 يىل ساقلىنىپ كەلگەن شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك يازغى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى رېكورتىنى يېڭىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ سورتنىڭ شىنجاڭدا تېرىلىش كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئارتۇققا يەتتى. بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشىدە ئۇنىڭ تۆھپىسى بار. «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى» قاچىلاشمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

 مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر باغلام بۇغداي باشىقىدىن بىز قوناق، شال قاتارلىقلارنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلەيمىز. يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر خىل زىرائەتنىڭ ھەممىسى زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، كەسىپ سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىغا «زەنجىرسىمان كىرىپ»، كۆركەم بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈمىدكە تولغان ئېتىزلاردا ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

 («جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125