شىنجاڭلىق يىگىتنىڭ «يىپەك يولى پىساسى» قانداق قىلىپ ئىتالىيەلىك باھالىغۇچىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنى مايىل قىلىۋالدى؟
11:38:38 2025-03-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

3- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈەن جېن پېچ دۇخوپكىدا پىسا پىشۇرماقتا.

 تۆگە سۈتى، يېڭى ئەنجۈر، شىنجاڭ شوخلىسى... شىنجاڭنىڭ تەبىئىي يېمەكلىك ماتېرىياللىرى پېچ دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدىغان پىساغا قوشۇلدى، بۇ، ئىتالىيەلىك يېمەك- ئىچمەك باھالىغۇچىلىرىنىڭ تەم سەزگۈسىنى مايىل قىلىۋالدى.
 3- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك ئىتالىيە پىساسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگودىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچىلىك يىگىت يۈەن جېن «يىپەك يولى» تېما قىلىنغان ئىجادىي پىساسى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
 ئۇ جۇڭگوغا ۋاكالىتەن 2026- يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 33- نۆۋەتلىك ئىتالىيە پىساسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

3- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈەن جېن 2- نۆۋەتلىك ئىتالىيە پىساسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگودىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ۋە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتمەكتە.

3- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈەن جېن پىشۇرۇش ئالدىدا تۇرغان پىساغا شىنجاڭنىڭ قاتۇرۇلغان تۆگە سۈتىنى قوشماقتا.

 يۈەن جېننىڭ پىساغا بولغان ئۈزۈلمەس رىشتى 2015- يىلىدىن باشلاندى. ئەينى چاغدا، ئىچكىرى ئۆلكىدە داشۆدە ئوقۇۋاتقان يۈەن جېن پىسا دۇكىنىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇدى ھەم  پىسا پىشۇرۇشنى ئۆگەندى.
 2017- يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۈەن جېن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، ئۈرۈمچىدە تۇنجى گومۇ پېچ دۇخوپكىدا پىسا پىشۇرۇش دۇكىنى ئاچتى. مەززىلىك تائاملارغا بولغان ئىشتىياقى ۋە ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقىدا ئۇ ئاچقان پىسا دۇكىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىچە تەمى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ياشنى بۇ يەرگە كېلىپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى.
 يۈەن جېن ھەمىشە ھۈنىرىنى قالدۇرماي ئۆگىتىپ، ياشلارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

3- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈەن جېن كۇرسانتلارغا پېچ دۇخوپكىدا پىسا پىشۇرۇش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.

 بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، يۈەن جېن شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىكلىرىنى پىساغا قوشۇپ، تۆگە سۈتىدىن پىشلاق ۋە ئىرىمچىك ياساپ، ئۇنىڭغا ئۈزۈم ھارىقى بىلەن سۈرلەنگەن كالا گۆشى قېزىسى، قىزىل ھاراق شەربىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ شوخلىسى، يېڭى ئەنجۈر قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، «يىپەك يولى»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
 بۇ مۇسابىقىگە ئۇستا ماھىرلار كۆپلەپ قاتناشتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 نەپەر پىسا پىشۇرۇش ماھىرى كەسكىن رىقابەتكە چۈشتى، يۈەن جېننىڭ ئىجادىي پىسالىرى ئەڭ ئاخىرىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئىتالىيەلىك يېمەك- ئىچمەك باھالىغۇچىلىرىنىڭ تەم سەزگۈسىنى مايىل قىلىۋالدى.

3- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈەن جېن پېچ دۇخوپكىدا پىشىۋاتقان پىسانى كۆزەتمەكتە.

 يۈەن جېن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، «دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىم پەقەت يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى»، دېدى.
 ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيادىكىلەرنى شىنجاڭ تەمىگە ئېغىز تەگكۈزمەكچى بولدى.

3- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈەن جېن ئۆزى ئاچقان پىسا دۇكىنىدا خېرىدارلارغا پىسا تونۇشتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125