سۈرەتتىكى شىنجاڭ | شىنجاڭ لوپنۇر كۆلىنىڭ قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولۇش خاتىرىسى: «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دىن زۇمرەتتەك تۇز كۆلگىچە
13:09:16 2025-03-15 تىيانشان تورى

 3- ئاينىڭ بېشىدا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چەكسىز كەتكەن تۇز كۆلدە ئۆزگىچە كۆك ۋە يېشىللىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، زامانىۋىلاشقان تۇز قېزىش كېمىلىرى تۇز ئېتىزىدا ئاستا- ئاستا ماڭاتتى، كۆل يۈزىدىكى كىرىستال شەكىللىك تۇز قاتلىمىدىكى تۇزلۇق سۇنىڭ نۇر قايتۇرۇشىدىن كۆل يۈزى ئەينەكتەك كۆرۈنۈپ، ئاسمان سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

 تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان لوپنۇر كۆلى بىرمەھەل قۇرۇپ كېتىپ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا ئايلانغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدىكى كالىي تۇزى بايلىقىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈمەن گېكتار تۇز كۆل قايتىدىن زۇمرەتتەك كۆل يۈزىدە دولقۇنلار جىمىرلاپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

 (چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ساۋ يۆ، يۈەن جېنجياڭ)

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125