قالتىس بولۇش بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتى
10:33:14 2025-03-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دەي لى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلىشىپ، يېڭى مۇساپىگە يۈرۈش قىلىش بۇرغىسى چېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ھەم شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، جەلپكارلىقى، ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، شۇنداقلا بىزنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىمىزنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، بىزنى شىنجاڭنى تېخىمۇ قالتىس شىنجاڭ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتلىنىپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

قالتىس شىنجاڭ، يېڭى ئوي- پىكىر مۇجەسسەملەنگەن بىر باغلام بۇغداي باشىقى، يىغىندا قىلىنغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر مەنىلىك سۆز بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ۋە ماس تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىمىز، غەيرىتىمىزنى كۈچەيتتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ۋاڭ ۋېي بىر باغلام بۇغداي باشىقىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ بىر باغلام بۇغداي باشىقىغا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ «ۋەزنى» «مول ھوسۇل قىممىتى» «يېڭىلىق يارىتىش دەرىجىسى» مۇجەسسەملەنگەن، «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى»نى قاچىلاشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق يۈكلەنگەن. 2024- يىلى، شىنجاڭ ياراتقان كۆپلىگەن «بىرىنچى» «تۇنجى قېتىم»، كۆپلىگەن «تارىخىي بۆسۈش» «رېكورتنى يېڭىلاش»لارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەركىبىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى بايىنكىشىگ يىغىندا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى شىنجاڭغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇشتىن زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقىچە، شىنجاڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاش جەريانىدا گىرەلەشمە ئۈنۈمنى قويۇپ بېرىپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىش جەريانىدا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يۇغۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، رايون ھەمكارلىق بوشلۇقىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.

قالتىس شىنجاڭ، «ئەزالار يولى»دىكى ئىللىقلىق ئۇرغۇغان تەبەسسۇم، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدىكى قويۇق مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان كۆز يېشى بىزنى ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش جەريانىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى مۇجەسسەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى!

يارقىن تەبەسسۇم بىلەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ئايىمسا توختاخۇن «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، تېز يوللانمىلارنىڭ كەنتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەمبەھرىلىدى. ھەربىر تەبەسسۇم شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن كەلگەن، بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى، شۇنداقلا گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ھاسىلات تۇيغۇسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، ئىنقىلابىي قۇربان شيۇڭ لىنىڭ بالىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. تارام- تارام كۆز يېشى بىۋاسىتە ھېس قىلغان ئورتاق ھاياتلىق مېھرى، تاغ- دەريالاردىن ھالقىغان چوڭقۇر سېغىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان ھېسسىيات رىشتىسى بولۇپ، يۈرەك تارىمىزنى ئۇزاققىچە چەكتى.

قالتىس شىنجاڭ، سەمىمىيەتكە تولغان «مېنىڭ سۆزلىرىم»، ئارزۇ- ئۈمىدنى ئىپادىلەيدىغان «ئۇنىڭ سۆزلىرى» ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسى ياخشى سۆزلىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ، جەلپكار شىنجاڭ نامايان قىلىندى.

ئېچىۋېتىش شىنجاڭنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى... شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنى ئېچىۋېتىش پائالىيىتىدە، ۋەكىللەر ئەمەلىي پاكىتلار، سەمىمىي سۆز- ئىبارىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى قىياپىتىنى بايان قىلىپ، «مېنىڭ سۆزلىرىم»دىن ئۇرغۇغان سادانى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ياڭراق، تېخىمۇ كۈچلۈك تارقىتىپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق شىنجاڭنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش «مېنىڭ سۆزلىرىم»گە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، «ئۇنىڭ سۆزلىرى»گە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى مېڭ مەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ تەڭداشسىز چوڭ، تەڭداشسىز گۈزەل ئىكەن، مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسى ئەزا مېڭ مەنگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ چوڭقۇر چۈشىنىشى، بايان قىلىشىغا ئېھتىياجلىق، ھەر يىلى يۈز مىليونلىغان كونا- يېڭى دوستلارنىڭ ھېس قىلىشى، تارقىتىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى گۈزەل شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

قالتىس بولۇش بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتى. «ئۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر تۇلپار.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى زويا باقىت «ئالتۇن قاناتلىق ھايۋان بېزىكى»دىن ئىبارەت قىممەتلىك سوۋغىنى «ۋەكىللەر يولى»غا ئېلىپ كەلدى. بۇ تۇلپار بىر چېپىشىدا مىڭ چاقىرىم يول يۈرىدىغان كۈچ- قۇدرەتكە تولغان، جاسارەت بىلەن ئالدىدا ماڭىدىغان قىياپىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، توختاۋسىز ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭغا تولىمۇ ئوخشايدۇ. يېڭى مۇساپىدە، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەيرەت، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ دەيدىغان جاسارەت بىلەن قەدەمنى تېز ھەم پۇختا ئېلىپ ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتسەكلا، بىز جەزمەن تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولغان، كەلگۈسىگە ئاتلانغان شىنجاڭ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125