ھەر يىلى 3- ئايدا، باھار يېتىپ كېلىشى بىلەن شىنجاڭلىقلار ئۆرۈكلەر بەس- بەستە چېچەكلەيدىغان پەيتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ.
پورەكلەپ ئېچىلغان چېچەكلەر شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. گۈلخۇمار شىنجاڭلىقلار چېچەكلەر ئارىسىدا ھەر بىر رومانتىك جاينى قولدىن بەرمەي بەس- بەستە تاماشا قىلىشىدۇ.
تۇرپان شەھىرىدىكى چېچەك تاماشاسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاپ چىقتۇق، ياخشى ساقلىۋېلىڭ، بىز بىرلىكتە باھارنى قۇچاقلايلى!
تۇرپان شەھىرىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېتىزلىقلاردا بەس- بەستە ئېچىلىدۇ، ئاساسەن ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسىگە تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈك چېچىكىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ.
ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىشنىڭ ئالدى- كەينىدە، توقسۇن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈكتە ئۆرۈكلەر كەينى- كەينىدىن چېچەكلەيدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلار بەس- بەستە «بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ» يېتىپ كېلىدۇ.
توقسۇن ناھىيەسى تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي مۇھىتى، شۇنداقلا مول يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق بايلىقى قاتارلىق ئامىللار بۇ جاينى شىنجاڭ بويىچە باھارنى ئەڭ بالدۇر كۈتۈۋالىدىغان جايغا ئايلاندۇرغان ھەم تۇرپان شەھىرىنى «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە قىلغان.
«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار − تۇرپاندا ئۆرۈك چېچەكلىدى» تېمىسىدىكى 2025- يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى باشلىنىپ، 4- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاساسىي يىغىن مەيدانى توقسۇن ناھىيەسىدە تەسىس قىلىندى.
ۋاقتى كەلگەندە، شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، خۇنەن كۈنجۈي تىياتىرى ئۆمىكى نەق مەيدانغا كېلىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى نەزمە ئېيتىش يىغىلىشى، لەگلەك ئۇچۇرۇش پائالىيىتى، دارۋازلىق ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى، «توقسۇندا ئۆرۈك چېچەكلىدى» ناملىق مۇزىكا كېچىلىكى، ئوتلاق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر بەس- بەستە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
چېچەك تاماشا قىلغاندىن سىرت، تۇرپانغا كېلىپ يەنە مۇنداق ئوينىسىڭىز بولىدۇ
يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى
يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. تاغ گەۋدىسى ئوچۇق قىزىل رەڭدە بولۇپ، خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يالقۇنغا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان.
بۇ يەردىكى تاغ گەۋدىسىنىڭ شەكلى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە ھەر قېتىم قۇياش تىك كۆتۈرۈلگەندە، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك تاغ گەۋدىسىدىكى قۇم تاشلار پارقىراپ، ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى يۇقىرىغا ئۆرلەپ قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ!
يالقۇنتاغ كەينىدىكى تاغ
يالقۇنتاغنىڭ كەينىدىكى تاغدا داكا قىلىدىغان جايمۇ خېلى كۆپ، قۇملۇق لايچىلىق سەنئىتى سارىيى، بېزەكلىك مىڭئۆيى خارابىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەتراپتا بولۇپ، تارىخقا قىزىققۇچىلار بۇ يەرگە كېلىپ ئىزدەنسە بولىدۇ.
تۇيۇق كەنتى
تۇيۇق كەنتى تۇرپاندىكى پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا بولۇپ، يالقۇنتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىغا جايلاشقان، بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى توپا- تاش قۇرۇلمىلىق بولۇپ سېرىق سېغىز توپىنى ئاساس قىلغان، قارىماققا ئىنتايىن قەدىمىي ۋە ئاددىي كۆرۈنىدۇ. كەنتكە كىرسىڭىز، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھويلا- ئارانلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىشىك- دېرىزىلىرىنىڭ نەقىشلىرى مۇرەككەپ،رەڭدار كەلگەن، ئاسما گىلەم، بېزەك ۋە جابدۇقلىرى ئىنتايىن نەپىس.
بۇ يەردە پىيادە ماڭغاندا، ئىنچىكە ھالقىلاردىن شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى
قۇمتاغ قۇملۇقى دۇنيا بويىچە شەھەرگە ئەڭ يېقىن قۇملۇق.
ئەگەر ۋاقىت يېتەرلىك بولسا، چوقۇم بۇ يەرگە كېلىپ كۈن پېتىشنى كۆرۈش كېرەك، كەچكى شەپەق بىلەن قۇملۇق ئالتۇن رەڭدىكى بىپايان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قارىغان كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە يەنە قۇملۇقتا دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەش ۋە قۇم تېيىلىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ!
بۇيلۇق مەنزىرە رايونى
بۇيلۇق يالقۇنتاغنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرى بۇيلۇق خەلق ئۆرپ- ئادەت كەنتى، ئەپەندى ئۆرپ- ئادەت باغچىسى، دارۋازلىق خەلق ئۆرپ- ئادەت باغچىسى، ۋاڭ لوبىڭ مۇزىكا سەنئەت سارىيى، بۇيلۇق سەيلە- ساياھەت باغچىسى ۋە چىڭۋا كوچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىشىلەر بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلغاندا، ۋاقىت بىردىنلا ئاستىلاپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتكەندە قەلبلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سالقىنلىق ئېلىپ كېلىپ، كىشىنى ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىشقا ئۈندەيدۇ.
كارىز خەلق ئۆرپ- ئادەت باغچىسى
كارىز سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ- خاڭجوۋ چوڭ قانىلى بىلەن تەڭ نام چىقارغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا سانسىز ئەمگەكچىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەجىرى مۇجەسسەملەنگەن.
مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، يەر ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تىك ياسالغان قۇدۇق بىلەن يەر ئاستىدىكى ئېقىننى يېقىن ئارىلىقتا كۆزەتكىلى بولىدۇ، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار رېئال تۇرمۇشتا نامايان بولۇپ، كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ.
تۇرپان مۇزېيى
تۇرپان مۇزېيى ئىدىقۇت رايونىدىكى كونا شەھەر شەرقىي يولىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 17 مىڭ 570 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
ھازىر مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 20 مىڭ 637سى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 707سى بار، ساقلانغان بۇيۇملارنىڭ تۈرى تاش قوراللار، ساپال بۇيۇملار، پۈتۈك، قۇرۇق جەسەت قاتارلىق 35 خىلغا يېتىدۇ. تاشقا ئايلانغان قەدىمكى چوڭ كەركىدان، تۇرپاندىن تېپىلغان پۈتۈكلەر، تۇرپاندىن تېپىلغان قۇرۇق جەسەتلەر قاتارلىقلار مۇزېيدىكى گۆھەر بولۇپ، بىر كۆرۈشكە ناھايىتى ئەرزىيدۇ.
باھار پەسلىدە
مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتىدۇ
بۇ، شىنجاڭدىكى سەيلە قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ۋاقىت
رومانتىك ئۆرۈك چېچىكى بىلەن
قىزغىن شىنجاڭلىقلار ئەڭ ماس كەلگەن
كېلىڭلار
شىنجاڭدىكى ئۆرۈك چېچىكىگە تولغان چېچەك دېڭىزىغا بىرلىكتە ئاتلىنايلى!