ئايچېھرە ئابلىزنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئارزۇسى
12:04:01 2025-03-18 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 سەھنىدە قىزىل كۆڭلەك كىيىپ پىرقىراپ شوخ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئايچېھرە ئابلىز بىردىنلا جىڭجۈ تىياتىرى ئارتىسىغا ئۆزگىرىپ، جىڭجۈ تىياتىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئـورۇنلىدى. يېقىندا 20 ياشلىق ئۈرۈمچىلىك قىز ئايچېھرە ئابلىزنىڭ بىر سەھنىدە ئىككى خىل نومۇر ئورۇنلىغان كۆرۈنۈشى توردا ئالقىشلىنىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ شىچۈ ساھەسىگە كىرىش ئارزۇسىنى قوغلىشىش ھېكايىسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 مۇخبىر 3- ئاينىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ئايچېھرە ئابلىز بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جىڭجۈ تىياتىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، مەن جىڭجۈ تىياتىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى بۇرچۇم دەپ بىلىپ، ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ كۆپچىلىككە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمەن. (مۇخبىر ۋاڭ يۈ)

ئايچېھرە ئابلىزنىڭ سەھنىدىكى قىياپىتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

 ئارتىسنىڭ سەھنە قىياپىتىدىن جىڭجۈ تىياتىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش

 جىڭجۈ تىياتىرىغا تاسادىپىي رىشتە باغلاش.

 ئايچېھرە ئابلىز سەنئەت كەيپىياتى قويۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاپىسى ئۇسسۇلچى، دادىسى كىنو- تېلېۋىزىيە رېژىسسورى ۋە ئارتىس.

 ئايچېھرە ئابلىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» باش تېما قىلىنغان ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقىنى بەرگەن. ئايچېھرە ئابلىز ئىلھام تېپىش ئۈچۈن تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا ئېكراندىكى جىڭجۈ تىياتىرى ئارتىسىنىڭ گىرىمى، رەڭگارەڭ سەھنە كىيىمى، كۆزنى چاقنىتىدىغان چاچ بېزەكلىرى ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ جىڭجۈ تىياتىرىغا قىزىقىپ قالغان.

 ئۇ ئوقۇغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16- ئوتتۇرا مەكتەپتە جىڭجۈ تىياتىرى كۇرۇژۇكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئارتىسلىرى مەكتەپكە قەرەللىك كېلىپ دەرس ئۆتەتتى. ئايچېھرە ئابلىز ئاكتىپلىق بىلەن كۇرۇژۇكقا تىزىملاتتى، مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، سەھنە سۆزى، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى، چامباشچىلىق ماھارىتىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئەينەككە قاراپ ھەرىكەتلەرنى تەكرارلاپ قايتا- قايتا مەشىق قىلدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «ئائىلەمدىكىلەر جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىشىمنى بەك قوللىدى، ئويۇن بولسىلا مېنى كۆرگىلى ئاپاردى، بۇ مېنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى سەھنىسىگە بولغان تەلپۈنۈشۈمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى». تولۇقسىز 2- يىللىققا چىقىش ئالدىدا، ئايچېھرە ئابلىز بىر قېتىملىق پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى − جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك شىچۈ تىياتىرى مەكتىپى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى دېيىلدى) شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى.

 ئەينى چاغدا، ئايچېھرە ئابلىزنىڭ جىڭجۈ تىياتىرىنى ئۆگىنىشى يۈزەكى ئىدى، ئۇ ئاساسىي ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ 1- دەرىجىلىك ئارتىسى چېن يىڭنى ئۇستاز تۇتتى. چېن يىڭ ئۇنىڭ «مۇ گۇييىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى» ۋە «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» ناملىق كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئارىيەنى ئورۇنلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئاخىرىدا ئۇ شىچۈ تىياتىرى مەكتىپىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىنىش بىلەن بىللە، جىڭجۈ تىياتىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

 پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆگىنىشكە ئىنتىلىپ جاپا- مۇشەققەتنى يېڭىش

 «قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان شۇ دەقىقىدە خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم، لېكىن كۆڭلۈمگە بۇنىڭ پەقەت ئارزۇنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكى ئايان ئىدى». ئايچېھرە ئابلىز جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىشتە ئاساسنى پۇختا سالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ قەدەمنى كېيىن ئالغان بولسىمۇ بىراق جاپادىن قورقمىدى.

 ئايچېھرە ئابلىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى 172 سانتىمېتىر بولۇپ، بويى ئېگىز بولغاچقا جىڭجۈ تىياتىرىدىكى بەل ئېگىش ھەرىكىتىنى مەشىق قىلغاندا قىينىلاتتى.

 تېز موللاق ئېتىش، ئالدىچە موللاق ئېتىش، كەينىچە موللاق ئېتىش ھەرىكىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر ئۇنىڭغا خېلى تەس كەلدى، مەشىقلەردە بەدىنىنىڭ ئۇ يەر- بۇ يېرى دائىم كۆكىرىپ قالاتتى ياكى سۈرۈلۈپ يارىلىناتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئايچېھرە ئەزەلدىن بوشاشمىدى، بەزىدە يارىلىنىپ مەشىق قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا بىر چەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ، مۇئەللىمنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئۆتكەن دەرسىنى ئاڭلاپ، ھەربىر ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «سەھنىدە نامايان قىلىنغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى سانسىزلىغان جاپالىق مەشىقنىڭ مەھسۇلى. باشقا ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جىڭجۈ تىياتىرىدا ھەرىكەت ئورۇنلاش سۈرئىتىنىڭ تېز، بەدەننىڭ تەڭپۇڭ، مۇكەممەل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بەزىدە قول ھەرىكىتىنىڭ ئورنىنى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن شۇ ھەرىكەت ھالىتىدە ئون نەچچە مىنۇت تۇرۇشنى مەشىق قىلدىم».

 ئايچېھرە ئابلىز جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ مېي لەنفاڭ ئۇسلۇبىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ناخشا ئېيتىش بىلەن ئويۇن قويۇش ماھارىتىنىڭ مۇكەممەل يۇغۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىناتتى، شۇڭا ئايچېھرە ئابلىز ھەربىر رولنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، رول ئېلىش ماھارىتى ۋە كۆز ماھارىتىنى چېنىقتۇردى.

 ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رول «ۋۇجياپو» تىياتىرىدىكى ۋاڭ باۋچۈەن بولۇپ، بۇ ئوبرازدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ساداقەتمەنلىك ۋە مۇھەببەت- نەپرىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى. ئۇ تۆت ئاي جاپالىق مەشىق قىلىپ، ۋاڭ باۋچۈەننىڭ شۆ پىڭگۇيغا بولغان مۇھەببىتىنى، دادىسى ھەم فېئودال ئاقسۆڭەك كۈچلەرگە بولغان قارشىلىقىنى سەھنىدە ناھايىتى ياخشى نامايان قىلدى.

 جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سى شياۋلى مۇنداق دېدى: «ياخشى مەشىق قىلىپ، كۆز ماھارىتىنى دەل جايىدا ئورۇنلىغاندىلا رولنى جانلىق ئالغىلى بولىدۇ. سەھنىدە قىسقىغىنا بىرنەچچە مىنۇتتا بىر پېرسوناژنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاياتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، ئايچېھرە ئابلىز چېچەن ھەم چىدامچان، شۇڭا رولنىمۇ بېرىلىپ ياخشى ئوينايدۇ».

 قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە، ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

 ئايچېھرە ئابلىز مۇنداق دېدى: ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدىن ئايرىلىپ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاچقا، بەزىدە مەشىق ئېغىر كەلگەندە بىردەم يىغلىۋالىمەن، لېكىن ھەر قېتىم ئاتا- ئانامغا تېلېفون بەرگەندە تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنى يەنە يۇتۇۋېتىپ، خۇشاللىقلارنى دەيمەن، جاپادىن ئېغىز ئاچمايمەن. ھېلىمۇ ياخشى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ، بۇ كەسىپنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىنىشىمگە تىرەك بولدى.

 قىزغىن مۇھەببەت بىلەن دۆلەت گۆھىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

 ئايچېھرە ئابلىز ئاخىر سەھنىدە پورەكلەپ ئېچىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. 2020- يىللىق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى نومۇر گۇرۇپپىسى ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتتى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار بىلەن بىر سەھنىدە ئويۇن قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

 2021- يىلى، ئايچېھرە ئابلىز جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىدە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، «باۋاڭ بيېجى» قاتارلىق كىلاسسىك جىڭجۈ تىياتىرىدىن ئارىيەلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلدى، ئۆگەندى. ئارقىدىن، ئوڭۇشلۇق ئۆرلەپ ئوقۇپ چىڭداۋ كىنو شۆيۈەنى كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئورۇنلاش كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

 2023- يىلى، ئايچېھرە ئابلىز يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كەيمېن داجى» پىروگراممىسىغا قاتناشتى. پىروگراممىدا ئۇ «باۋاڭ بيېجى»دىن ئارىيە ئورۇنلىدى، رىياسەتچى نېغمەت ئۇنىڭ ئارزۇسىنى سورىغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن: «جىڭجۈ تىياتىرىغا ۋارىسلىق قىلىش» دەپ جاۋاب بەردى.

 ھازىر، ئايچېھرە ئابلىز چىڭداۋ كىنو شۆيۈەنى كىنو- تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئورۇنلاش كەسپىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

 ئۇ پىراكتىكا مەزگىلىنى شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. بۇ يەردە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىر تۈرلۈك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، 21 كۈنلۈك ئۆگىنىش مەزگىلىدە، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋاز تۈسى، قىياپەت، رول ئېلىش ھەمدە دىراما، ئېتۇت، زامانىۋى ئۇسسۇل ئاساسىي مەشىقى، كىنو- تېلېۋىزىيەدە رول ئېلىشنى سىستېمىلىق ئۆگەتتى.

 ئۆگىنىش جەريانىدا ئايچېھرە ئابلىز دىراما ئورۇنلاشتا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاشتا قوللىنىپ، رول ئېلىش ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىدى.

 ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، بارغانسېرى كۆپ ياش شىچۈ تىياتىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانىدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى چېن يىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئۈرۈمچى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىچۈ تىياتىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ».

 2015- يىلى، «چېنيىڭ ئىشخانىسى» ئۈرۈمچىدە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى 30دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئارقا- ئارقىدىن شىچۈ تىياتىرى ئوقۇتۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىدىن 10 مىڭغا يېقىننى تەربىيەلىدى. «چېنيىڭ ئىشخانىسى» ئۇدا بەش نۆۋەت «جىڭيۈن تىيانشان» ئۆسمۈرلەر شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنى بەس- بەستە قاتنىشىشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك جەلپ قىلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى «بىر مەكتەپتە بىر ماركا، بىر مەكتەپتە بىر خاسلىق بولۇش» نىشانى بويىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى. مەخسۇس دەرس، كۇرۇژۇك، شەھەر، يېزىلاردىكى ئۆسمۈرلەر سارىيى پائالىيىتى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقىت بۆلىكىگە تايىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاش، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قاتنىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىچۈ تىياتىرى (جىڭجۈ تىياتىرى)نى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتتى. 2024- يىلى 5- ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك شىچۈ تىياتىرى (جىڭجۈ تىياتىرى) خاس مەكتىپىدىن ئونى بارلىققا كەلدى، كەسپىي گۈزەللىك تەربىيەسى قوشۇمچە ۋەزىپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش، مەشىق قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تاللاپ تەكلىپ قىلىندى.

 «سەپەردە جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەر بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك»، «ۋېيخۇشەن تېغىنى پەم بىلەن ئېلىش» ناملىق جىڭجۈ تىياتىرىدىكى بۇ سەھنە سۆزى جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى تىز پۈكمەس روھنى چوڭقۇر ئىپادىلىگەن، ئۇ شۇنداقلا يەنە ئايچېھرە ئابلىزنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە، دۆلەت گۆھىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125