شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئېكران ئالدىدىكى سىز ۋە مەن
ھەر بىر ئادەم، ھەر كۈنى
ھەممەيلەن دېگۈدەك دەل- دەرەخلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشىمىز مۇمكىن.
بۈگۈن
بىز كۆپچىلىككە دەل- دەرەخكە مۇناسىۋەتلىك
مۇنداق بىر نەچچىنى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىمىز.
......
1
_______________________________________________
«يېشىل پايانداز» كۆچمە قۇمنى قاپلىدى
نىڭشيا لىڭۋۇ شەھىرى بەيجىتەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى (2023- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ پېڭ فوتوسى
ئەگەر بىز دېمىسەك
ئۈستىدىكى بۇ سۈرەتتىكى بوستانلىقنىڭ
ئىلگىرىكى «ئاسماندا قۇش ئۇچمايدۇ، يەردە گىياھ ئۈنمەيدۇ»غان قۇملۇق
ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن
بەيجىتەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى
ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان
دەل مۇشۇ جايدا
ئوت- چۆپ كاتەكچىسى «گىلەم»لىرىنىڭ چېكى يوق بولۇپ
كۆچمە قۇملارنىڭ ئۈستىگە يېپىلغانىدى
قۇمنى تىزگىنلەش ئىشچىلىرى ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان نىڭشيا لىڭۋۇ بەيجىتەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا قاراغان تىكمەكتە (2024- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ پېڭ فوتوسى
بەيجىتەن ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ
يىللىق ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاران 160 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ئىدى
يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان
«قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەش بويىچە ئىزدەنگۈچى» ۋاڭ يوۋدې
ئوت- چۆپ كاتەكچىسى شەكلىدە قۇمنى تىزگىنلەش، دەرەخ، ئۆت- چۆپ، چاتقالنى بىرلەشتۈرۈشتەك
دەل جايىدا ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ
كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ 600 مىڭ مو يەرگە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى بەرپا قىلدى
1 مىليون موغا يېقىن كۆچمە قۇم تىزگىنلەنگەچكە
ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ
جەنۇبقا يۆتكىلىشى ۋە غەربكە كېڭىيىشى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ
خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىدە ۋە يىنچۇەن تۈزلەڭلىكىدە
بىر قات قوغداش كۆپەيدى
«ئادەم چېكىنىپ قۇم ئىلگىرىلەش»تىن «يېشىللىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە
يەنە «ئادەم بىلەن قۇم ئىناق ئۆتۈش»كىچە
«قۇمنى بىر ئۆمۈر تىزگىنلەپ، بىر ئۆمۈر جاپا تارتقان» ۋاڭ يوۋدې مۇنداق دېدى
«بەزىلەر مەندىن قۇملۇقنى بەك ياخشى كۆرەمسىز- نېمە؟» دەپ سورايدۇ
ئەمەلىيەتتە مەن قۇمغا بەك ئۆچ
ئۇنىڭغا ئۆچ بولسىڭىز ئۇنى بويسۇندۇرۇشىڭىز، تىزگىنلىشىڭىز كېرەك
ئۇنى بويسۇندۇرغاندىن، تىزگىنلىگەندىن كېيىن
ئاندىن ئۇ ئىنسانلارغا بەخت يارىتالايدۇ
2
_______________________________________________
ھالاكەت دېڭىزىنىڭ «گىرۋىكىنى قاشالاش»
3046 كىلومېتىر − بۇ، يېشىل بەلباغنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى
46 يىل − بۇ سەرپ قىلىنغان ۋاقىت
70 مىليون مو − بۇ، يېشىللىق بەرپا قىلىنغان كۆلەم
تەكلىماكان قۇملۇقى
جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، «ھالاكەت دېڭىزى»
2024- يىل 11- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ
ئەڭ ئاخىرقى يوچۇقى ئېتىلدى
تەكلىماكاندىكى قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا
ئومۇميۈزلۈك گىرۋەك قاشالىنىپ «تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى
2024- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، ئوت- چۆپ كاتەكچىسى قۇم توسۇقى كۆچمە قۇمنى «قاپسىۋالغان» بولۇپ، يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك- باراقسان ئۆسكەنىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
يۇمشاق ھەم ئەۋرىشىم بۇ چىتلاق
كۆچمە قۇمنىڭ يامرىشىنى كۈچلۈك توسۇپ
بوستانلىق بىلەن قۇملۇقنى، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنى ئايرىپ تۇرىدۇ
40 نەچچە يىلدىن بۇيان
شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ
قۇم- بوران زىيىنىغا ئۇچرايدىغان رايونلاردا جەمئىي 70 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكتى
ئۆتكەن 30 يىلدا
شىنجاڭدا بەرپا قىلغان سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن
نۆۋەتتىكى 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كۆپىيىپ
تەخمىنەن %54 ئاشتى
2024- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسىپلەر باغچىسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تۈرى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
بۇ پەيتتە
فانتازىيە يازغۇچىسى ليۇ سىشىننىڭ
«چاۋۋېنداۋ» ناملىق رومانىدا يېزىلغان
يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان تاشقى پېلانېت مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا
تەكلىماكان قۇملۇقى ئەڭ ئاخىرىدا يايلاققا ئايلانغان فانتازىيەلىك ھېكايە
جۇڭگودا رېئاللىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى
3
_______________________________________________
سېرىقلىق يېشىللىققا ئايلاندى
«بابۇشا(八步沙)، بۇ دېگەنلىك ئىشىكتىن چىقىپلا سەككىز قەدەمدىن كېيىن ھەممىسى قۇملۇق»
«كۈز شامىلى ئېتىزلارنى ئۇچۇرۇپ قۇرۇقداپ قوياتتى، باھار شامىلى كالىلارنى ئۆلتۈرۈپ قوياتتى»
گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسىدىكى بابۇشادا
قۇملۇق ئىلگىرى خۇددى راك كېسىلىگە ئوخشاش
ئېتىز ۋە كەنتلەرنى يۇتۇپ كەتكەن ئىدى
1981- يىلى
بابۇشادىكى بىرىنچى ئەۋلاد قۇم تىزگىنلىگۈچى «ئالتە بوۋاي»
(گو چاۋمىڭ، خې فالىن، شى مەن، لو يۈەنكۇي، چېڭ خەي، جاڭ رۇنيۈەن)
ئائىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە
بابۇشا كوللېكتىپ ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەشكە باشلىغان
ئۇلار «ئاتىسى ئۆلۈپ كەتسە، بالىسى ئىزىنى باسىدۇ» دەپ ۋەدە بېرىپ
قۇم تىزگىنلەش گۈرجىكىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزدى
شۇنداقلا ئۈمىدنى ئايىغى ئاستىدىن ئاستا- ئاستا يىراقلارغا كېڭەيتتى
2023- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، ۋۇۋېي شەھىرى گۇلاڭ ناھىيەسىدە، بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى بىر پارچە سۆكسۆكنى سۇغارماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن پېيشېن فوتوسى
40 نەچچە يىلدىن بۇيان
بابۇشادىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى
جەمئىي 300 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە قۇم تىزگىنلەش ئورمىنى بەرپا قىلدى
400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە قۇمنى دائىرىلەپ ئورمان، ئوتلاق يېتىشتۈردى
30 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ھەر خىل قۇملۇق ئۆسۈملۈكى تىكتى
2023- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنى، بابۇشادىكى ئىككى ئەۋلاد قۇمنى تىزگىنلىگۈچى ئەمگەكتىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. سولدىن ئوڭغا: لو شىڭچۈەن (ئارقا رەت سولدىن 1- كىشى)، شى يىنشەن (ئارقا رەت سولدىن 2- كىشى)، گو ۋەنگاڭ (ئارقا رەت ئوتتۇرىدىكىسى)، خې جۇڭچياڭ (ئارقا رەت ئوڭدىن 2- كىشى)، چېڭ شېڭشۆ (ئارقا رەت ئوڭدىن 1- كىشى) ۋە گو شى (ئالدىدا). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما شىپىڭ فوتوسى
2024- يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، گۇلاڭ ناھىيەسى بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ يەنۋوزى قۇمنى تىزگىنلەش نۇقتىسىدا، بىر ھەسەل ھەرىسى ھەسەل يىغماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فېي ماۋخۇا فوتوسى
سېرىقلىقنى يېشىللاشتۇرۇش
قۇملۇقنى گۈل- گىياھلارغا پۈركەندۈرۈش
«بابۇشا، ئالتە بوۋاي، ئۈچ ئەۋلاد كىشى»
بۇنى قىلالىدى!
4
_______________________________________________
يېشىل سەددىچىن
كۆپ يىللار ئىلگىرى
داڭلىق يازغۇچى ماۋدۇن
سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە «سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە»نى يېزىپ
«ئاددىي- ساددا، قەيسەر ۋە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» مىللەت روھىنى مەدھىيەلىگەن ئىدى
شەنشى يۈلىن دىڭبيەن ناھىيەسىدە
شۇنداق بىر ئادەم بار
ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە
قۇم بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇملۇق رىۋايىتىنى پۈتۈپ
«سۇۋادان تېرەك»تەك ياشىدى
بۇ ئادەم دەلشى گۇاڭيىن
يۇرتداشلارنىڭ نەزەرىدىكى «ساراڭ»
ئۇ مۇنداق دېگەن
«كۆپچىلىككە قۇمنى تىزگىنلەپ بەرمىسەك
بۇ جايدىكى نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىغىلى بولمايدۇ»
ئەڭ دەسلەپكى كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى پەقەت %10 بولۇشتىن
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ
«دەرەخ، چاتقال، ئوت- چۆپلەر تەڭ ئۆسۈش»كىچە
شى گۇاڭيىن كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ
ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ ئاۋۋال ئوت- چۆپ ئۇرۇقى چاچتى
ئوت- چۆپلەر ئۆسكەندىن كېيىن چاتقال تېرىدى
ئوتتۇرىغا دەرەخ تىكىپ
بىر يۈرۈش بىرىكمە مەشغۇلات ئارقىلىق
دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزدى
بىر قانچە يىلدىن بېرى
قۇملۇق ئاستا- ئاستا بوستانلىققا ئايلاندى
20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى
يۈلىن مەملىكەت بويىچە ئايروپىلاندا ئۇرۇق چېچىش تېخنىكىسىنى تۇنجى بولۇپ ياراتتى
يەنە شەرقىي شىمالدىن موڭغۇلىيە قارىغىيى كىرگۈزۈپ
ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىدا دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەر كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇردى
40 نەچچە يىل مابەينىدە
شى گۇاڭيىن شۇ جايدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ
250 مىڭ مو قاقاس قۇم، شورلۇقتا
53 مىليون تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ، چاتقال تىكىپ تۇتقۇزۇپ
تەكرار ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنى 350 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ
ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە
100 چاقىرىمدىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى «يېشىل سېپىل» بەرپا قىلدى
بۇ، 2023- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى ماۋۋۇسۇدىكى قۇملۇق يېرىدە تارتىلغان بىر پارچە ئورمانلىق (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لېي فوتوسى
يېشىللىق ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى تىزگىنلەش
موڭغۇلىيە قارىغىيى، قۇملۇق مونچاققورىيى، يانتاق
چىغ، قاراغان، جىغان ئارقىلىق
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھاياتىي كۈچنى «توقۇپ» چىقتى
بۈگۈنكى كۈندىكى ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنى كۆرگەن كىشىلەر
بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى گىياھئۈنمەيدىغان يەر ئىكەنلىكىنى
ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ
5
_______________________________________________
مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان «ئۇ»لار
بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر
يەنە نۇرغۇن، بەك كۆپ
تۇبۇباتۇ خوتۇنى بىلەن ئۆزى تىككەن سۆكسۆكلۈكتە ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋاتماقتا (2017- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى تارتىلغان)شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ خۇا فوتوسى
ئىچكى موڭغۇلدىكى قۇمنى تىزگىنلەشتىكى «يۈگۇڭ» تۇبۇباتۇنىڭ
بىر يىلدىكى 365 كۈنىنىڭ 300 نەچچە كۈنى
ئورمانلىقتا سۆكسۆك بىلەن ئۆتتى
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان
ئۇ خوتۇنىنى باشلاپ
قاقاس قۇملۇققا 50 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق سۆكسۆك تىكتى
ما يۈنپىڭ ئەر- خوتۇن تىزگىنلىگەن يېشىللىق بىلەن يېنىدىكى يەرنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى (2018- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لېي فوتوسى
ئىچكى موڭغۇلدىكى ما يۈنپىڭ ۋە خوتۇنى
2000- يىلى 3700 مودىن ئارتۇق قۇملۇق يەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆددىگە ئالدى
ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى
بۇ قۇملۇق يەر 200 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ بىلەن قاپلاندى
ياۋا گۈل ۋە ياۋا ئوت- چۆپلەرمۇ بۇ يەرگە تارقىلىپ
ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى
ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى نەيمەن قۇرۇلۇش نەتىجىسى. (مېڭ لەي فوتوسى)
قۇملۇققا كۆچەت تىكىش ئىنتايىن جاپالىق
ئەي بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئەمەس
لېكىن ئىچكى موڭغۇلدىكى باۋ شيۇلەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بەردى
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ
جەمئىي 27 مىڭ مودىن ئارتۇق قۇملۇقنى كۆكەرتىپ
قۇمنى تىزگىنلەپ بېيىپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى
«ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى
تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، تاغنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورمىنى
......
ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ ئادەملەرنى چوقۇم نائۈمىدتە قويمايدۇ
2025- يىلى 1- ئايغىچە
دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25تىن ئاشتى
ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارى 20 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى
«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»
ئادەم بىلەن تەبىئەت
بىر- بىرىگە تايىنىدۇ ۋە بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم
ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىدۇر
ئادەمنىڭ جان تومۇرى ئېتىزدا
ئېتىزنىڭ جان تومۇرى سۇدا
سۇنىڭ جان تومۇرى تاغدا
تاغنىڭ جان تومۇرى تۇپراقتا
تۇپراقنىڭ جان تومۇرى دەرەختە
بۇ يىل، 3- ئاينىڭ 12- كۈنى
دۆلىتىمىزنىڭ 47- قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمى
كۆچەت تىكىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى 10 يىل ئاۋۋال
ئۇنىڭدىن قالسا ھازىر
ئىللىق باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ، بارلىق شەيئىلەر جانلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ
ئەگەر مۇمكىن بولسا
كۆچەت تىككىلى بارايلى
يېشىللىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچايلى
ھاياتلىق ۋە ئۈمىدنىڭ ئۇرۇقىنى چاچايلى
بىر تۈپتىن دەرەخ تىكىپ يېشىللىق ئېلىپ كەلسەك
ئارقىدىن، تۈمەنلىگەن دەرەخلەر سايە تاشلايدۇ