ئانار سۈرەتلەر توپلىمى . سىن- سۈرەتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ▕ئۈرۈمچىدىكى 80 ياشلىق سەنئەتكار كەشتىچىلىكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى
11:38:44 2025-03-19 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 3- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 4- بىنا 2- ئىشىك 101-ئۆيدە، بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن رەيھان ئۆمەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاق كۆڭلەككە گۈل كەشتىلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئائىلە كەشتىچىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى سارىيىدا، مېھمانخانا ۋە ئىككى ياتاق ئۆيىنىڭ تېمىغا 1000دىن ئارتۇق كەشتە بۇيۇمى ئېسىلغان ئىدى، رەيھان ئۆمەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىك ھۈنىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى، شۇنداقلا بۇ ھۈنەرنىڭ «قوغدىغۇچىسى». كۆپ يىللاردىن بۇيان، رەيھان ئۆمەر بىر جۈپ چېۋەر قولى ۋە جاسارىتى بىلەن، كەشتىچىلىكتىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ھۈنەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەر ئائىلە كەشتىچىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى سارىيىدا ئىككى قىزىغا كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە.

 ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىكى مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى مول بولغان خەلق ئىچى كەشتىچىلىك سەنئىتى بولۇپ، ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ئىپادىلەش شەكىللىرى بار. ھۈنەر- سەنئەت جەھەتتە، ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىكى سۇجوۋ كەشتىچىلىكى ۋە بېيجىڭ كەشتىچىلىكىنىڭ بەزى ماھارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تۈز كەشتىلەش، تۈگۈپ كەشتىلەش، ئالتۇن يىپ، كۈمۈش يىپ بىلەن يۆگەپ كەشتىلەش، كەشتە ئىشلەش، تىۋىتلىق كەشتىلەش، كاتەكچە رامكىلىق كەشتىلەش، ئۇنىۋېرسال كەشتىلەش قاتارلىق كۆپ خىل كەشتىلەش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىكىنىڭ تېمىسى كۆپىنچە گۈل- گىياھ، ھايۋانات ۋە بەخت- سائادەتنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىللەردۇر. قولدا كەشتىلەنگەن پۈتۈن ئەسەرنى تاماملاش ئۈچۈن، ئومۇمەن كەشتە نۇسخىسىنى تاللاش، كەشتىلەش سايمانلىرىنى تەييارلاش، يىپ سەپلەش، رەڭ بېرىش، كەشتىلەش ۋە پۈتكەندىن كېيىنكى كەشتە بۇيۇملىرىنى رامكىغا ئېلىش، ئاسراش قاتارلىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى ھالقىلار زىچ باغلىنىپ، تەرتىپلىك بولغاندىلا، ئاندىن نەپىس كەشتە بۇيۇمىنى كەشتىلەپ چىققىلى بولىدۇ.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەر ئەرەنچە كۆڭلەككە كەشتە تىكمەكتە.

 رەيھان ئۆمەر 14 يېشىدىن باشلاپ ئانىسىدىن كەشتىچىلىكنى ئۆگەنگەن، ئۇ كەشتىچىلىكنى قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن 60 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇپ، 60 نەچچە خىل كەشتە نۇسخىسىنى ساقلاپ قالغان ۋە ئىجاد قىلغان، ئۇنىڭ ئۈچ قىزى ۋە نەۋرە قىزى ئۇنىڭدىن كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ئىزباسارى بولغان، ئۇ يېتەكلىگەن شاگىرتنىڭ سانى 100گە يېقىنلىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئائىلە كەشتىچىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى سارىيى دائىم داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنى كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرۈش ۋە چۈشىنىشكە جەلپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن، گەرچە ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىم ئىنتايىن ياخشى، مەن كەشتىچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ھۈنەرنى داۋاملىق كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن».

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەرنىڭ ئىككىنچى قىزى مۇنىرە ھەبىبۇللا(ئوڭدا) سىڭلىسى گۈلمىرە ھەبىبۇللا بىلەن دوپپا كەشتىلەش ھۈنىرى توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەرنىڭ ئۈچىنچى قىزى گۈلمىرە ھەبىبۇللا ئائىلە كەشتىچىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى سارىيىغا كەشتە بۇيۇملىرىنى ئاسماقتا.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەرنىڭ ئىككىنچى قىزى مۇنىرە ھەبىبۇللا(ئوڭدا) خېرىدارلارغا قولدا كەشتىلەنگەن كانۋاي كۆڭلەكنى تونۇشتۇرماقتا.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەر ئۈزۈم سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ قولدا كەشتىلىگەن كەشتە بۇيۇمى.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەر گۈل چەمبىرەكنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ قولدا كەشتىلىگەن كەشتە بۇيۇمى.

3- ئاينىڭ 13- كۈنى، رەيھان ئۆمەر قولدا كەشتىلىگەن ئىسسىق ساقلايدىغان چەينەك ياپقۇچ كەشتە بۇيۇمى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125