شىنجاڭدىن ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى مەملىكەت بويىچە 2- تۈركۈمدىكى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى» بولۇپ تاللاندى
15:09:37 2025-03-21 تىيانشان تورى

 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسى «2- تۈركۈمدىكى <غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى> نامزاتىغا كۆرسىتىش ئىسىملىكى توغرىسىدا ئېلان»نى تارقاتتى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى بىلەن، 51 تىپ ئۆرنىكى 2- تۈركۈمدىكى <غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى>غا تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى بولۇپ تاللاندى.

  بۇ ئۈچ تىپ ئۆرنىكى ئايرىم- ئايرىم ھالدا: ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدىكى جيايىن قولدا چالغۇ ياساش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىكى خوتەن شەھەرلىك جىيا لىرېن ئەتلەس توقۇش- بوياش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، بىڭتۇەن 3- شى تۇمشۇق شەھىرىدىكى تۇمشۇق كۇلالچىلىق سەنئىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو شىنجاڭدىكى خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىجى كەنتى» دېگەن گۈزەل نامى بار توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق دېھقان قولدا چالغۇ ياسىيالايدىكەن، 2014- يىلى قۇرۇلغان جيايىن چالغۇ ياساش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ خېلى كۆلەملەشكەن چالغۇ ياساش كەسىپلەر باغچىسىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، جاي كەنتى چالغۇ ياساش كەسپى ئارقىلىق تونۇلغاندىن كىيىن، يەنە ساياھەتچىلىك، يېمەك- ئىچمەك، باغۋەنچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ گۈللىنىشىگە، كۆپ خىل كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

 خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىنىڭ «ئەتلەس ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ئەتلەس توقۇيدىغانلار بار. خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى − جىيا لىرېن ئەتلەس توقۇش- بوياش ھۈنەرخانىسىغا كىرسىڭىز، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تەرتىپلىك مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. ئىشچىلار قولىدىكى موكىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ئەتلەسكە نەپىس نەقىش قىلىپ توقۇيدۇ. بۇ يەردە لايىھەلەنگەن ئەتلەسنىڭ نۇسخىسى 30 نەچچە خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، ھەممىسى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، جاي- جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ.

  3- شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە پىشۇرۇش ھۈنەر- سەنئىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شۇ جايدىكى كىشىلەر ساپال لېيى، يۇلغۇن ۋە چىنار قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىشۇرغان ھەم بۇ جەرياندا تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، قېلىپتا كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە پىشۇرۇشنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل ھۈنەر- سەنئىتىنى ياراتقان. تۇمشۇق شەھىرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى− تۇمشۇق كۇلالچىلىق سەنئىتى ھۈنەرخانىسىغا كىرسە، ئوماق ساپال توشقان، نەپىس چەينەك، رەڭدار چىراغ... شەكلى، رولى ھەر خىل بولغان يېڭىچە كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن خۇمداندىن چىققانلىقىنى، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇنى قولىدىن چۈشۈرمەي تاماشا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

  ئىگىلىنىشىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى دېگىنىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى ياكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگە تايىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىدىكەن، ئۇ ھەرقايسى جايلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى قانات يايدۇرۇشىغا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125