ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىقلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
21:20:29 2025-03-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىقلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى 

 دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ،  شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا كېلىپ دىن خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىننىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

3- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ دەرسخانىسىغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە ما شىڭرۇي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇتۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ دەرسخانىسىغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە. شۆيۈەن بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى بىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، كەڭ كۇرسانتلارنى قەتئىي تۈردە ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشكە، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. ئارقىدىن ما شىڭرۇي شۆيۈەننىڭ قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ناماز ئوقۇش زالىغا كىرىپ، كۇرسانتلارنىڭ دىنىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان تېخىمۇ كۆپ دىن ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. 

 ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە كېلىپ، جەمئىيەتنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە خىزمەت قىلىش، يېمەك- ئىچمەك شارائىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، جەمئىيەتنىڭ كۈندىلىك يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش دەۋر تەلىپىنى ئىگىلەپ، باشقۇرۇش، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. 

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت قىلىش ئورنى ۋە خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى قوللاپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق- پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان دىنىي خادىملار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ياخشى كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، تەشۋىق- تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون قاتارلىق پاكىتلارنى ئېنىق سۆزلەپ، پائال تۈردە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دىنغا سىڭدۈرۈپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125